ئەتىگەن سائەت 9 يېرىمدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا باشلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستاندىكى دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى "ئالاتاۋ" مەيدانىدىكى 7 - ئاپرېل ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەش ئۈچۈن قويۇلغان خاتىرە تاش ئالدىغا گۈل چەمبىرەكلەرنى قويدى.
ئاندىن، روزا ئوتۇنبايېۋا، ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدىكى تۆمۈر رېشاتكىغا ئورنىتىلغان 7 - ئاپرېل ۋەقەسىدە قازا قىلغان 86 نەپەر كىشىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ئويۇلغان دات باسماس پولات تاختىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. بۇ چاغدا پۈتۈن مەيدانغا يىغىلغان 5000 دىن ئارتۇق كىشى سۈكۈتكە چۆمدى. قىرغىزىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ باش مۇپتىسى قۇرئان تىلاۋەت قىلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى دۆلەت گېمىنى بىلەن باشلاندى. قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 19 يىللىقى بىلەن بارلىق قىرغىزىستانلىقلارنى تەبرىكلىگەن روزا ئوتۇنبايېۋا مۇنداق دېدى: "ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار ۋە مېھمانلار، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە ئېلىمىزگە تىنچلىق، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق تىلەيمەن."
ئۇ يەنە 7 - ئاپرېلدا قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن "ئاپرېل خەلق ئىنقىلابىنىڭ باتۇرى" نامىدا ئوردىن تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان روزا ئوتۇنبايېۋا يىلىغا بىر مىليارد كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان " قەمبەر ئاتا - 2" سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىرىنچى گېنېراتورىنىڭ قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 19 يىللىقىغا سۇنۇلغان سوۋغا سۈپىتىدە 30 - ئاۋغۇست كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى، يېقىن كەلگۈسىدە پۈتتۈرۈش پىلانلانغان " قەمبەر ئاتا - 1 "، "قەمبەر ئاتا - 2" سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندە، قىرغىزىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيا قىتئەسىدىمۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىنى ئېكسپورت قىلىشتىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ماي، ئىيۇن ئايلىرىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغان روزا ئوتۇنبايېۋا بۇ توقۇنۇشنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھەرگىزمۇ قىرغىز، ئۆزبېك مىللەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى، توقۇنۇشنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ قىرغىزىستاندىن ئىبارەت بۇ كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق قىرغىزىستاننى پارچىلاش ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيانى يەنە بىر ئوتتۇرا شەرققە ئايلاندۇرۇش قەستىدە بولۇۋاتقان كۈچلەر ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ قىرغىزىستاننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
يېقىن ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخى بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدىغان زور سىياسىي قەدەم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان روزا ئوتۇنبايېۋا، بۇ سايلامنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا ۋە ئادىللىق بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى پارتىيىلەردىن سىياسىي رەڭۋازلىقلارغا بارماسلىقنى، ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ خەلقنى پارچىلايدىغان قىلمىشلاردىن نېرى بولۇشنى ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن ئاساستا كەلگۈسىدىكى سىياسىي ئىسلاھاتلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
خاتىرىلەش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، روزا ئوتۇنبايېۋا باشلىق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى 7 - ئاپرېل قۇربانلىرىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمى ھال سورىدى.
مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بىشكەك شەھىرىدىكى ھەر قايسى ساياھەت نۇقتىلىرى ۋە باغچىلاردا ھەر خىل مەزمۇندىكى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى. يېقىندا قىرغىزىستان خەلق ئانسامبىلى نامىغا ئېرىشكەن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى قارمىقىدىكى "ئىنتىزار" ئانسامبىلىمۇ ئۆزىنىڭ رەڭدار سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.