داۋالغۇش ھالىتىدىكى قىرغىزىستاندا ئىقتىساد چېكىنمەكتە

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 - ئاپرېلدىن كېيىن ئۈزلۈكسىز داۋالغۇش ھالىتىدە تۇرغان قىرغىزىستان ۋەزىيىتى، قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ يەنىمۇ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.05.14
Qirghiz-Jalal-Abadta-yuz-bergen-toqunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 14 - ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻔﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

مەتبۇئات خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل "7 - ئاپرېل ئۆزگىرىشى" يۈز بېرىپ، باقىيېف ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز داۋالغۇش ھالىتىدە قالغان. گەرچە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان، كۆپ پارتىيىلەردىن تەشكىللەنگەن قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى باقىيېف تەرەپدارلىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىغان.

12 - ماي كۈنى ئۇش شەھىرى ھەم باقىيېفنىڭ يۇرتى جالالئاباد ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن باقىيېف تەرەپدارلىرى بىلەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا 1 ئادەم ئۆلۈش، 60 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. پايتەخت بېشكەك شەھىرىدە 12 -،13 - ماي كۈنلىرى باقىيېف تەرەپدارلىرى ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلغۇچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆز تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نامايىش قىلغان.

بۈگۈن قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئازاد قاسىم ئەپەندى ھەم دىلمۇرات ئەپەندىلەر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتىكى قىرغىزىستاننىڭ داۋالغۇش ئىچىدىكى ۋەزىيىتى ھەم قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىدا يۈز بېرىۋاتقان قىيىنچىلىقلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئازاد قاسىم ئەپەندى ئۇش شەھىرى ھەم جالالئاباد ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى.

دىلمۇرات ئەپەندى نۆۋەتتە، بىشكەك شەھىرىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى، ئىككى كۈندىن بۇيان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش بولغان بولسىمۇ، ئەمما 7 - ئاپرېل ۋەقەسىدىكىدەك دۇكانلارنى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشتەك قالايمىقانچىلىق يۈز بەرمىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئازاد قاسىم ئەپەندى نۆۋەتتىكى قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، 7 - ئاپرېلدىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيىسى ھەم قوراللىق ساقچىلار كۈچنىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زور كۆپچىلىك خەلق بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى قوللاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، باقىيېف تەرەپدارلىرىنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدە باشقىچە ئۆزگىرىش قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئازاد قاسىم ئەپەندى يەنە، قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ سۆزىدە قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىكى بۇ خىل تىنچسىز ھالەتنىڭ، ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان قىرغىزىستان ئىقتىسادىدا تېخىمۇ زور چېكىنىشنى پەيدا قىلىپ، نېفىت، بېنزىن قاتارلىق يېقىلغۇ ئەشيالار، يېمەكلىك ھەم كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى خەلق تۇرمۇشىغا ئېغىر ئىقتىسادى بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئازاد ئەپەندى سۆزىدە، 7 - ئاپرېلدىن كېيىن قىرغىزىستان بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان چېگرىلىرىنىڭ تاقىلىشى بىلەن، بۇ دۆلەتلەردە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداۋاتقان 300 مىڭ قىرغىز ئاھالىسىنىڭ ئىشسىز قېلىپ، ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلگەنلىكىنى، خەلق تۇرمۇشىغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، 2009 - يىلى خەلقئارا ئىقتىسادى چېكىنىش ۋەزىيىتى، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشىنى قامدايدىغان 700 مىڭ ئەتراپىدىكى قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىكەن. مانا ئەمدى قىرغىزىستان بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەر چېگرىسىنىڭ تاقىلىشى نەتىجىسىدە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدە تېخىمۇ يامانلىشىش ئەھۋالى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار نەزىرىدە، رايوندىكى زېمىنى 190 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى ئىگىلەيدىغان، ئەمما سۇ - ئېلېكتىر ئېنېرگىيىسىدىن باشقا، بايلىق مەنبەئەلىرى نىسبەتەن كەمچىل بولغان، ئاھالىسى 5 مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدىكى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىل بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە، ئىچكى ۋەزىيەتتە داۋالغۇشلار كۆپ يۈز بەرگىنى ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان دۆلەت دەپ قارىلىپ كېلىۋاتماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.