قىرغىزىستاندا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى خاتىرىلەندى

بېشكەكتىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەمدە مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى تەكىتلەندى.

0:00 / 0:00

بېشكەكتىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆزگە چىققان ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئارتىق ھاجىم ۋە قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى تۇرسۇنتاي سەلىموفلار ئالدى بىلەن شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىغا قاتناشقان پېشقەدەملەرنى بۇ ئۇلۇغ بايرام كۈنى بىلەن تەبرىكلىگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا جۈملىدىن قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەمدە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەمدە مىللەتپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا كۈرەشچان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەشتى.

پائالىيەت داۋامىدا بىز، مىللىي رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار بىلەن بىللە قازا قىلغان پېشقەدەملىرىمىزدىن ئابدىرىشىت باۋۇدۇننىڭ ئوغلى ئەكبەرجان باۋۇدۇن ۋە ئەينى يىللاردىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئوغلى نازىم قەمبىرىلەرنىڭ بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۇلارغا مىكرافۇنىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.