ھازىر پرېزىدېنت نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش ۋە بېكىتىش ئىشلىرى ئاخىرلاشقان بولۇپ، 80 دىن ئارتۇق ئادەم نامزات بولغان، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىشسىز ئادەملەرمۇ بار.
قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان پرېزىدېنت نامزاتلىرى 15- ئاۋغۇست كۈنى بېكىتىلىپ بولۇنغان بولۇپ، قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى 83 نامزاتنىڭ بۇ يىلقى سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىك مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى مەزكۇر 83 نامزاتنىڭ 67 نەپىرىنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلەر، قالغان 16 نەپەر نامزاتنىڭ جۇمھۇرىيەتتىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمى بۇ يىل 30-ئۆكتەبىر كۈنىگە بېكىتىلگەن بولۇپ، نامزاتلارنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرى 29-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ ھەمدە 30-ئۆكتەبىر كۈنىدىكى سايلامدا غەلىبە قىلغان كىشى قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە 6 يىللىق مۆھلەت بىلەن پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدۇ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
20 يىلدا ئۈچ پرېزىدېنت
قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئالغان 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ ئادەم پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئاقتۇرغان بولۇپ، بىرىنچى پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف ئۇزۇن مەزگىل پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئاتقۇرغاندىن كېيىن، 2005-يىلى 3-ئايدا قۇرمانبېك باقىيېف رەھبەرلىكىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلەشمە نامايىشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ پرېزىدېنت سارىيىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ، موسكۋاغا قېچىپ كەتكەن ئىدى. قۇرمانبېك باقىيېف 5 يىل ۋەزىپە ئۆتىگەندىن كېيىن 2010-يىلى 4-ئايدا روزا ئوتۇنبايېۋا باشلىق ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئوخشاشلا پرېزىدېنت سارىيىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن بىشكەكنى تاشلاپ جالالئابادقا، كېيىن بېلارۇسىيىگە قېچىپ كېتىشى بىلەن ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغان ئىدى. نەتىجىدە روزا ئوتۇنبايېۋا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى سۈپىتىدە بۇ جۇمھۇرىيەتنى 2011-يىلى 12-ئايغىچە ئىدارە قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى.
قۇرمانبېك باقىيېف دەۋرىدە قىرغىزىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن روزا ئوتۇنبايېۋا ئۆكتىچىلەر سېپىگە قوشۇلۇپ، بارلىق ئۆكتىچىلەرنى توپلاپ، باقىيېفنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتى قوزغاش بىلەن ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقتى شۇنىڭدەك يەنە مەركىزىي ئاسىيا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ قالغان ئىدى. روزا ئوتۇبايېۋا رەھبەرلىكىدىكى قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىپ، قىرغىزىستاننى پارلامېنت سىستېمىسىدىكى مەملىكەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى بىردىن - بىر پارلامېنت سىستېمىسىدىكى مەملىكەت سۈپىتىدە ئىش ئېلىپ بارماقتا.
ئەڭ كۆپ نامزاتقا ئىگە دۆلەت
قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بويىچە روزا ئوتۇنبايېۋانىڭ مۆھلىتى توشۇش بىلەن ئۇنىڭ قايتا پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ، سايلامغا چۈشۈش سالاھىيىتى يوق. بىراق، قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، نۆۋەتتە بۇ جۇمھۇرىيەتتە ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان ھەمدە ئۇنىڭ داۋاملىق پرېزىدېنتلىق سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان پىكىرلەر ۋە تەشەببۇسلار مەۋجۇت. بىراق، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئوتۇنبايېۋا 30-ئۆكتەبىردىكى سايلامنى ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستان تارىخىدا ئىلگىرى مۇنداق 83 ئادەمنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان. بۇ ھەتتا پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيا ئۈچۈنمۇ يېڭىلىقتۇر. پەرغانە ئۇچۇر تورى بارلىق 83 ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا جۇمھۇرىيەتتىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بىر قىسىم داڭلىق رەھبەرلىرى ھەم سابىق قىرغىزىستان رەھبەرلىرىمۇ بار. مەسىلەن ھازىرقى باش مىنىستىر ئالماسبېك ئاتانبايېف، سابىق پارلامېنت رەئىسى ئۆمۈربېك تېكېبايېف، سابىق مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئەدەھەم ماداماروف قاتارلىقلار كۈچلۈك نامزاتلاردۇر.
ئۆي ئاياللىرى ۋە ئىشسىزلارمۇ پرېزىدېنت نامزاتى بولالىدى
رۇسىيىنىڭ «نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى مەزكۇر 83 نەپەر نامزاتنىڭ كىملىكىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، ئەڭ يېڭىلىق شۇكى، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئارىسىدا ئىشسىز ئۆي ئاياللىرى، ئىشسىز تۇرۇۋاتقانلار، ساقچى ئوفىتسېرلىرى، دىپلوماتلار، ئوقۇتقۇچىلار، سودا-كارخانىچىلار قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي پارتىيىلەردىن مۇستەسنا ھالدا، مۇستەقىل تۈردە ئۆزلىرىنى پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەن.
بۇنداق ئەھۋال ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، ئىشسىز ئادەملەر، ئۆي ئاياللىرىنىڭمۇ ئەركىن ھالدا ئۆزلىرىنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىكى سالاھىيىتىگە لايىق دەپ ھېسابلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆز نامزاتلىقىنى كۆرسىتىشى بۇ جۇمھۇرىيەتتە دېموكراتىيىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارالماقتا. بىراق، بەش مىليون نوپۇسلۇق ۋە كۆپ مىللەتلىك قىرغىزىستاننىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشىدىغان نامزاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قىرغىزلار ئىگىلىگەن بولۇپ، تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى نەپەر رۇس بار. يەنە بەزى ئىسىملاردىن ئۇلارنىڭ ئۆزبېك ياكى باشقا مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما سايلام كومىسسىيىسىنىڭ مەلۇماتىدا نامزاتلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سانلىق مەلۇماتى بويىچە 50 مىڭدىن ئارتۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بىرەر كىشىنىڭ ئۆزىنى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.
پرېزىدېنت بولۇش ئۈچۈن قىرغىز تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش كېرەك
قىرغىزىستان ئاساسىي قانۇنى بويىچە پرېزىدېنت بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم دۆلەت تىلى بولغان قىرغىز تىلىدىن ئىمتىھان بېرىشى بېكىتىلگەن بولۇپ، نامزاتلار چوقۇم قىرغىزچە ئىمتىھاندىن ئۆتۈشى لازىم. بۇنداق قانۇن ئىلگىرى سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف دەۋرىدە چىقىرىلغان بولۇپ، كۆپىنچە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە زىيالىيلارنىڭ قىرغىز تىلىنى بىلمەسلىكى ۋە ياكى ياخشى بىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئەسقەر ئاقايېف دۆلەت پرېزىدېنتى بولىدىغان كىشىنىڭ قىرغىز تىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشىنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى بىلەن رىقابەتلەشكەن قىرغىز تىلىنى بىلمەيدىغان يەنە بىر نامزات فېلىكىس قۇلوفنىڭ ئالدىغا توسۇق پەيدا قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، قىرغىزىستان پارلامېنتى بارلىق خىزمەتلەرنى قىرغىز تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى ھەمدە قىرغىز تىلىنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە مەمۇرىي ھاياتىدىكى رولىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەركىزىي سايلام كومىسسىيىسى يەنە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ چوقۇم قىرغىزىستان پۇقراسى بولۇشى، قوش ۋەتەنداشلىقى بولماسلىقى، يېشى 35 ياشتىن 70 ياشقىچە بولۇشى شۇنىڭدەك قىرغىزىستاندا مۇقىم 15 يىلدىن بۇيان ياشىغان بولۇشىنى شەرت قىلغان.
قىرغىزىستان ئۆزىنىڭ 4-پرېزىدېنتىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
قىرغىزىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى يەر مەيدانى ئەڭ كىچىك، بايلىق مەنبەلىرى ئاز، ئىقتىسادىي بىر قەدەر ئارقىدا قالغان تاغلىق مەملىكەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ دۆلەتتە رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى قوشۇنلىرىنى ئەسكىرىي ۋە ھەربىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەش مەركىزى مەۋجۇت. قىرغىزىستان ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت بىلەن كۆپ قۇتۇپلۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، ئۇ يەنە رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ۋە رۇسىيىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى كوللېكتىپ ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا مەملىكەت. ئۇ يەنە خەلقئارالىق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلار ۋە پروگراممىلار بىلەن بىر قەدەر قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان بولۇپ، نۆۋەتتە قىرغىزىستان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى دېموكراتىك تەرەققىياتى ياخشى مەملىكەت سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە. ئۇنىڭ قوشنىسى بولغان ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان تېخىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رەھبەرلەردىن ئىسلام كەرىموف ۋە نۇرسۇلتان نازاربايېف تەرىپىدىن ئىزچىل رەھبەرلىك قىلىنماقتا. ئەمما قىرغىزىستانلىقلار بولسا بۇ يىل 10-ئايدا ئۆزلىرىنىڭ 4- پرېزىدېنتىنى سايلاپ چىقىپ، يېڭى سەھىپە يارىتىش ئالدىدا تۇرماقتا.