قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ھەر خىل بېسىملارغا ئۇچرىماقتا

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر تىجارەت جەريانىدا ھەر خىل چەكلىمە ھەم بېسىملارغا ئۇچراپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىن قىرغىزىستانغا چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، تىرىكچىلىك غېمىدە قىرغىزىستاندا رەخت ھەم قۇرۇق مېۋە قاتارلىق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر جەھەتتىن كېلىدىغان بېسىملارغا ئۇچرىغاندىن باشقا يەنە قورغاستىن ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىق تۈپەيلىدىن ھەر ۋاقىت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك تاسادىپىي ۋەقەلەردىن ئەنسىرەش ئىچىدە تىجارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

قىرغىزىستاندىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تەخمىنەن 1 يېرىم مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ رەخت-كىيىم-كېچەك ھەم قۇرۇق مېۋە سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تاپاۋىتىنىڭ پەقەت ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىك غېمىنىلا ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رادىئومىز قىرغىزىستاندىن ئىگىلىگەن باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتىن چەكلىمە ھەم بېسىملارغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن.

1. قىرغىزىستانغا چىققان ئوقۇغۇچىلار، تىجارەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تېلېفونى خىتاي تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ. ئەنە شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدە زىيادە ئېھتىياتچانلىق پسىخىكىسى ئومۇملاشقان.

2. قىرغىزىستانغا چىقىشقا ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئالدى بىلەن ئۆزىگە ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ئىشلەيدىغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كىشىنى كېپىل قىلىشى شەرت قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا ئۇلار قىرغىزىستاندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەردىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن.

3. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ھەر ۋاقىت قىرغىزىستان ساقچىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇرلار تىجارەت قىلىدىغان بازار ئەتراپىدا نازارەتچىلىك قىلىدىغان ساقچىلار ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىپ بەرگەن. مەسىلەن بازاردىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدىن قەرەللىك ھالدا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ۋىزىسىنىڭ ۋاقتىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىش، ئۇلاردىن ھەر خىل باھانىلەر ئارقىلىق پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش. مەسىلەن نەشە قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى تەكشۈرۈش باھانىسىدە ئۇلارنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇش ھەتتا بۇ خىل چېكىملىكلەرنى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويۇش ئارقىلىق ئۇلارنى تۇتقۇن قىلىپ، پۇل تەلەپ قىلىش شۇنىڭدەك باشقا ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئۇلاردىن پۇل ئۈندۈرۈش.

4. قىرغىزىستان دېموكراتىك دۆلەت بولغىنى ئۈچۈن ، چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر ئۇچۇرلىرىغا قارىتا چەكلىمىلەر يوق بولۇپ، قىرغىزىستانغا تىجارەت ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇرلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خەۋەرلىرىنى ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنى ئەركىن كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەن. ئەمما قىرغىزىستاندىكى خىتاي جاسۇسلىرىدىن ئېھتىيات قىلغىنى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىدە ئۆزلىرى ئاڭلىغان خەۋەرلەر ھەققىدە پىكىرلەشمەسلىك، بىلىدىغانلىرىنى باشقىلارغا دېيەلمەسلىك ئومۇمى يۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان.

5. تىجارەت كىنىشكىسى بېجىرىش ئاز ساندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن مونوپول قىلىۋېلىنىپ، بۇمۇ قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قاقتى-سوقتى قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇستىسىغا ئايلانغان. مەسىلەن بۇ دۆلەتتە تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئۈچۈن ئەسلى قىرغىزىستان پۇلىغا 400 سوم، خىتاي خەلق پۇلىغا 80 يۈەن ئەتراپىدىكى تىجارەت كىنىشكىسىنى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى 1250$ غا سېتىۋالىدىكەن.

6. قىرغىزىستانغا خىتايدىن مال يۆتكەيدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر يەنە ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى يەرلىك قىرغىزلاردىن تەشكىللەنگەن قارا جەمئىيەت گۇرۇھلىرى ئۈچۈن ماللىرىنىڭ بىخەتەرلىك پۇلى تاپشۇرىدىكەن.

ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا يەرلىك قىرغىز ساقچىلىرى ۋە قارا گۇرۇھلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەلچىخانىسى ھەم كونسۇلخانا خادىملىرى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ كۆرمەسلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر تىجارەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستانغا تىجارەت ئۈچۈن چىققان ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان تاموژنىسىدىن ئۆتكىنىدە چېگرىدىكى قىرغىزىستاننىڭ تاموژنا خادىملىرى ھەر بىر ئۇيغۇردىن ھېچقانداق تالون يېزىپ بەرمەستىن 2200 سوم ئالىدىكەن. ئەمما خىتاي تىجارەتچىلىرى بۇ پۇلنى تاپشۇرمايدىكەن. خىتاينىڭ قىرغىزىستاندىكى كونسۇلخانا خادىملىرى بولسا بۇ خىل ئەھۋاللار بىلەن كارى بولمايدىكەن.

رادىئومىز ئىگىلىگەن باشقا ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرى ئۇچراۋاتقان بېسىملار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئورتاق قىسمەتكە ئايلانغان.

لېكىن، بۇ ئۇيغۇرلار قىرغىزىستاندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، سۆز –مەتبۇئات ئەركىنلىكى، قىرغىزلارنىڭ ئۆز ئەركىن مۇستەقىل ھاياتىنى قوغداش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى شۇنىڭدەك قىرغىزىستان جەمئىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان يېڭى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەر ھەم تەرەققىياتلاردىن ناھايىتى قايىل بولۇپ، بۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. شۇنىڭدەك ئۇلار يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكى قىرغىزلارنىڭ ،جۈملىدىن قىرغىز خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دوستانە ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىدىن تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.