قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى پارلامېنت سايلىمىغا تەييارلانماقتا

قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى يېقىندا رېفىراندۇم ئېلىپ بېرىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن ماقۇللىغان ئىدى. يېڭى ئاساسىي قانۇن بويىچە قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتتتىن پارلامېنت تۈزۈمىدىكى دۆلەتكە ئۆزگەرگەن. قىرغىزىستاندا كىمنىڭ ھاكىمىيەت سورايدىغانلىقى، بۇ يىل 10 - ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىدا مەلۇم بولىدۇ.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا 10 - ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىغا نىسبەتەن ناھايىتى ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئۇلار يېقىندا يىغىن ئېچىپ، سايلامدا ھېچقانداق پارتىيە - گۇرۇھنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.