قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭلىكىگە بىر نەزەر

قىرغىزىستاننىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ئىستىپانامىسىىنى رەسمىي ئىمزالىغاندىن كېيىن قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇزاكىرىسى نەتىجىسىدە ئۇنى قازاقىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق قىرغىزىستاندا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھازىر ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە قازاقىستان باشلىق دۆلەتلەردىن ياردەم ئېلىشقا تىرىشماقتا. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، رايوندىكى كۈچلەردىن بىرى بولغان خىتاينىڭ ئىسمى ھېچبىر يەردە تىلغا ئېلىنمىدى، خىتايمۇ بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى.

كۈزەتكۈچىلەر، ۋەقەدە رۇسىيىنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدمېدېۋنىڭ " قۇرمانبېك باقىيېف ئۆزى ئاغدۇرغان ھۆكۈمەتنىڭ خاتالىرىنى تەكرارلاپ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى" دەپ باقىيېفنى ئەيىبلىشىمۇ كۈزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىنى كۈچلەندۈرمەكتە. ئۇنداقتا ماھىيەت زادى قانداق ؟ بۇندىن كېيىن رايوندىكى ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت چوڭ كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ؟

بۇ ھەقتە تۈركىيە خەلقئارا ئىسىتراتىگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى سىنان ئوغان ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنۇمىز.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك سىنان ئەپەندى، قىرغىزىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قازاقىستانغا ئەۋەتىلىشى بىلەن تىنجىغاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق قارارى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىلگىنىڭىزدەك، خىتايمۇ رايوندىكى كۈچلەرنىڭ بىرى. ئەمما بۇ جەرياندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە خىتاينىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ "قۇرمانبېك باقىيېف دۆلەتتىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا تىرىشتى" دەپ قويۇش بىلەنلا بولدى قىلدى. خىتاي بۇ يەردە ھەر دائىم قىلغىنىدەك مۇھىم پەيتلەردە تەرەپسىز تۇرۇۋېلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتامدۇ ياكى باشقا بىر سەۋەب بارمۇ ؟

سىنان ئوغان: خىتاي ھەر دائىم قىلغىنىدەك، قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەردە يەنە تەرەپسىز تۇرۇۋالدى. خىتاي ئۆزىگە بىر نىشان قويغان بولۇپ، 2020 - يىلىغىچە خەلقئارادىكى مۇھىم مەسىلىلەرگە ئارىلاشماي تەرەپسىز مەيداندا تۇرماقچى. بولۇپمۇ قىرغىزىستانغا ئوخشاش رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كۈچ بولغان رايوندا خىتاي تېخىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. بىرىگە يان باسسا، يەنە بىرى خاپا بوپقالىدۇ، شۇڭا خىتاي تەرەپسىز تۇرۇش ئارقىلىق ھەم ئامېرىكا بىلەن، ھەم رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭلىمىلەشتۇرىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، قىرغىزىستاندا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ رىقابىتى بار، يېقىندىن بۇيان باقىيېفنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ مالىيىسىنى قولىغا ئېلىۋالغان باقىيېفنىڭ ئوغلى ماكسىمنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى رۇسىيىنى بىئارام قىلىۋاتاتتى. بۇ خىل ئەھۋال خىتاينىمۇ بىئارام قىلىدۇ ئەلۋەتتە. شۇڭا قۇرمانبېك ھاكىمىيىتىنىڭ ئاياقلىشىشى خىتاينىمۇ خوشال قىلدى. خىتاي ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي تۇرۇپ، مەقسىتىگە يەتتى. خىتاي شۇڭا بۇ يەردە جىم تۇرۇپ ۋەزىيەتنىڭ تېنجىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ.

مۇخبىر: يېقىندىن بۇيان مەتبۇئاتلاردا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا باشلانغانلىقى يېزىلىۋاتقان ئىدى. تېخى يېقىندىلا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىمۇ بۇنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ باھا بېرىلگەن ئىدى. رۇسىيە ھەم بىر ياقتىن ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشىلىنىۋاتىدۇ دەيدۇ، ئەمما ھەم بىر ياقتىن پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن رايوندا رۇسىيە ئاساسلىق كۈچ بوپقالامدۇ؟

سىنان ئوغان: خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مەسىلىلەرگە بىز ئاق ياكى قارا دەپ باھا بېرەلمەيمىز. ئەلۋەتتە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا رايوندا بىر تەرەپتىن رىقابەتچى، يەنە بىر بىر تەرەپتىن ھەمكارلاشقۇچى. مەسىلەن، يادرو قوراللىرى ۋە قالقان سستېمىسىدا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەم رىقابەتلىشىدۇ، ھەم ھەمكارلىشىدۇ. تېخى يېقىندىلا ئىككى دۆلەت يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى، بۇ ناھايىتى مۇھىم بىر ھەمكارلىق. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق ئامېرىكا يەنە بۇلغارىيە ۋە رومىنىيىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سېسىتىمىسى ئوررۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. رۇسىيە ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغان قارا دېڭىز رايونىغىمۇ ھەربىي بازا قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. يەنى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى رىقابىتى ئۇلارنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقىغا زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. مەن بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا شۇنى دېيەلەيمەنكى، قىسقا مۇددەتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا رىقابەت ۋە ھەمكارلىق بىر - بىرىگە پاراللېل ھالدا داۋام قىلىدۇ. ئەمما ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە خىتاينىڭ رايوندا كۈچلىنىشى نەتىجىسىدە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاي خۇددى ئىسىتراتىگىيىلىك شېرىكلەردەك كۆرۈنسىمۇ، مەنچە رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت خىتايدۇر. ئامېرىكا رۇسىيىگە خەۋپ ئەكەلمەيدۇ. خىتاي قۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتا سۈرئەت بىلەن زورايغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان توختاپ قالدى. چۈنكى، خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، رايوندىكى تەسىرىنى كۈچلەندۈرۈۋالدى. بۇنىڭدىن رۇسىيە خوشال ئەمەس. شۇڭا كەلگۈسىدە رايوندىكى كۈچلەر تەڭلىكىنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە، قارايدىغان بولسىڭىز ياپونىيە بىلەن تۈركىيە، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھەممىسى خىتايغا قارشى ھەمكارلىشىدۇ.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك سىنان ئەپەندى، دەرۋەقە بۇ قېتىم ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان يادرو بىخەتەرلىكى يىغىنىدىمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ قازاقىستان پرېزىدېنتىقا قىلغان سۆزلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئامېرىكا قازاقىستان بىزنىڭ رايوندىكى ئەڭ كۈچلۈك شېرىكىمىز، دېدى. مەتبۇئاتلاردىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قايتىدىن قىزىقىشقا باشلىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولىنى ئاكتىپلاشتۇرىدىغانلىقى دېيىلىۋاتىدۇ. بۇلار سىزنىڭ يۇقىرىدا دېگەنلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق ؟

سىنان ئوغان: بىزنىڭ ئىسىتراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىمىز بۇندىن 4 يىل بۇرۇن خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كەلگۈسىدە بىر - بىرىگە رىقابەتچى بولىدىغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. ئۆتكەن يىلى يەنە بىر كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئۇ بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن دىققىتىنى ئوتتۇرا شەرقتىن يۆتكەپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئامېرىكا ئۈچۈن بىرىنچى دەرىجىلىك رىقابەتچى خىتاي. ئامېرىكا دۇنيادىكى سالاھىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن خىتاينى قورشاۋغا ئېلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا چوقۇم ئىككى رايوندا مەۋجۇت بولۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ بىرى، پاكىستان ۋە ئافغانىستان سىزىقىدىكى جەنۇبىي ئاسىيا رايونى، يەنە بىرىسى بولسا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى. ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيادا رىقابەتنىڭ يېڭىدىن كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى مۇشۇ قېتىملىق قىرغىزىستاندا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئامېرىكا بۇندىن كېيىن پۈتۈن دىققەت - ئېتىبارىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ھازىر گەرچە بۇ رايون ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ رىقابىتىگە سەھنە بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە بۇ رايون بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا سەھنە بولىدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداقتا قىرغىزىستاندا يېڭى قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ئامېرىكا - رۇسىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئۈچ كۈچ ئارىسىدا قانداق بىر سىياسەت يۈرگۈزەر سىزچە؟

سىنان ئوغان: قىرغىزىستاندا مەيلى ئامېرىكاپەرەس، رۇسپەرەس ياكى خىتايپەرەس كىم كېلىشىدىن قەتئىينەزەر بىر نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىدىن باشقا ساتىدىغان مۇھىم ھېچنىمىسى يوق. ئۇنى قىممەتلىك قىلىش ئۈچۈن پەقەت بىر تەرەپكىلا يۆلىنىۋېلىش توغرا ئەمەس، ئۈچ چوڭ كۈچ ئارىسىدا تەڭلىكنى يارىتىشىڭىز كېرەك. يېڭى ھۆكۈمەت رۇسپەرەستەك تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەنمۇ تەڭلىكنى ساقلىشى كېرەك. ھېچكىم "بۇ قېتىم رۇسىيە قۇرمانبېكنى ئاغدۇرۇۋەتتى. يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدا رۇسىيىنىڭ كۈچى زور. شۇڭا يېڭى ھۆكۈمەت غەربكە قارشى، رۇسپەرەس بىر ھۆكۈمەت بولىدۇ " دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. قىرغىزىستاننىڭ شارائىتى بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ. قىرغىزىستاننىڭ نېفىتى ۋە تەبىئىي گازى يوق. پەقەت سۇ مەنبەلىرى بار. ئۇنىڭغا مەنپەئەت ئەكىلىدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ ئىسىتراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان جۇغراپىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ كۈچ ئارىسىدا تەڭلىك ساقلايدىغان سىياسىتى. قىرغىزىستان چوقۇم ئۈچ كۈچ ئارىسىدىكى تەڭلىكنى ساقلىشى كېرەك. باقىيېف ھاكىمىيتى مۇشۇنداق قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاغدۇرۇلدى.

مۇخبىر: كۆز قاراشلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

سىنان ئوغان: مەنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.