نۆۋەتتىكى قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، خەلق ساراسىمە ئىچىدە

قىرغىزىستاندا ھاكىمىيەت ئالمىشىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا نىسپىي مۇقىملىق ئورنىتىلغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى باقىيېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ يۇرتى ئوشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي قىرغىزىستان رايونىدا يەنە بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2010.05.06
Qirghizistan-oktichiliri-Bishkekte-namayish-ghelibe-7-Aprel-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﻛﯜﻧﻰ، ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ.
AFP Photo

نەتىجىدە، قىرغىزىستان خەلقى ئارىسىدا ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىشى مۇمكىن دېگەندەك ئەندىشىلەر پەيدا بولغان. كىشىلەر دۇكان - سارايلىرىنىڭ ئىشىك - دېرىزىلىرىنى قىش - كېسەكلەر بىلەن ئېتىشكە باشلىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.