كۆزەتكۈچىلەر قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى خەلق ھەرىكەتلىرىدە قۇرمانبېك باقىيېف ئاغدۇرۇلۇپ، ۋاقتىنچە ھۆكۈمەت قۇرۇلغان بولسىمۇ، ۋەزىيەت يەنىلا تىنجىماي كەلمەكتە. يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئارقا - ئارقىلاپ مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەر ئازراق تىنجىغان ۋەزىيەتنى قايتىدىن جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى.

0:00 / 0:00

دۈشەنبە كۈنى بېشكەك ئەتراپىدىكى مايوفكا رايونىدا مىڭغا يېقىن قىرغىزنىڭ مايوفكىدىكى رۇسلار ۋە ئاخىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋەقە مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رايونغا دەرھال 600 ساقچى ئەۋەتىپ ۋەقەنى تېنجىتقان بولسىمۇ، ئەمما ۋەزىيەتتىكى جىددىيلىك يەنىلا داۋام قىلماقتا. ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى تاشكەنت - ئالماتا يولىغا توپلانغان مىڭغا يېقىن كىشى مايوفكىدىكى ۋەقەلەردە قولغا ئېلىنغان 100 گە يېقىن ھەمراھىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلالمايۋاتقانلىقىدىن، ئەگەر مۇشۇنداق داۋام قىلغان تەقدىردە بۇنىڭ ئېتنىك تەركىبلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. دەرۋەقە تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە كەلگەن خەۋەرلەردە ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز قالغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قوغدىنىش تەدبىرلىرى ئېلىۋاتقانلىقى، جەنۇبتىكى ئۆزبېكلەرنىڭ تەشكىللىنىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر كەلگەن ئىدى.

بىز بېشكەك ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات ئەپەندىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۇ بىزگە تۈنۈگۈنكى ۋەقەلەرنىڭ يەر - ماكانسىز قىرغىزلارنىڭ يەر داۋاسى قىلىپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ھازىرچە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنىڭ سالامەت تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما شۇنداقتىمۇ كېچىدە ياشلارنى مەھەللىگە نۆۋەتكە قويىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا چىققان خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قىرغىزىستانغا قوشنا بولغان دۆلەتلەرمۇ بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۆز دۆلىتىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان قىرغىز چېگرىسىغا ھەربىيلەرنى يۆتكىگەن ۋە قازاقىستاندىكى قىرغىزلارنى دۆلىتىگە قايتۇرغان.

رايوندىكى ئەڭ تەرەپسىز ۋە دىكتاتور دۆلەت بولغان ئۆزبېكىستانمۇ قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېف بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن قىلغان سۆزىدە قىرغىزىستاندا ئىچكى سىياسەتتە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدمېدېف : قىرغىزىستان قايتىدىن تەشكىللىنىپ چىقىشى كېرەك، ھازىر قىرغىزىستاندا بىر دۆلەت يوق، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ بۇنى باشقا ئېلىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھۆكۈمەتكە بويسۇنمايدىغان ئانارخىزىم خاھىشى ھەم قىرغىز خەلقىگە ھەم قوشنا دۆلەتلەرگە ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ. قىرغىزىستاندا پەقەت بىر ھۆكۈمەت قۇرۇپ قويۇش يەتمەيدۇ، قانۇن ئارقىلىق سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك، دېدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف مۇخبىرنىڭ" قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى دېموكراتىيىلىك ھەرىكەتلەر ئۆزبېكىستاندىمۇ يۈز بېرىپ قالارمۇ؟" دەپ سورىغان سوئالىغا قەتئىي ھالدا : " مەن ئىشەنچ بىلەن شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزبېكىستان خەلقى قىرغىزىستاندىكىدەك بۇنداق دېموكراتىيىنى ھەرگىز خالىمايدۇ" دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ يەنە قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ خەتەرلىك بىر تۈس ئېلىپ، ئايىقى تۈگىمەيدىغان بىر ئىچكى قالايمىقانچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا چىقىۋاتقان مۇلاھىزىلەردە بولسا، بۇ نۆۋەت قىرغىزلار بىلەن ئاخىسكا تۈركلىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ بارلىقىنى يەنى ئاخىسكا تۈركلىرى بۇندىن ئىلگىرىكى ۋەقەلەردە رۇسلارنى قوللاپ كەلگەنلىكتىن قىرغىزلارنىڭ ئاخىسكا تۈركلىرىگە نىسبەتەن ئىچىدە غۇمى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇلاھىزىلەردە يەنە، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ 500 مېتىر نېرىسىنى كونترول قىلالمايۋاتقان قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبتا ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشىنىڭ قىيىنغا توختايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.

قىرغىزىستاندىكى ھەرىكەتلەردىن كېيىن قازاقىستانغا كەتكەن قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ تۈنۈگۈن قازاقىستاندىنمۇ ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن باقىيېفنىڭ بىلورۇسىيىدە بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. بېلورۇسىيە دۆلەت رەئىسى ئالېكسدېر لۇكاشەنكو بۈگۈن مەتبۇئاتلارغا: "قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف ۋە ئائىلىسى بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ۋە شەخسەن مېنىڭ ھىمايەم ئاستىدا تۇرماقتا،" دېدى ۋە قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ھېلىھەم قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دەرۋەقە قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ يۇرتى جالالئابادتا ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇنى قايتىپ كېلىپ ۋەزىپىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشقا چاقىرماقتا.

قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ قايسى يۆنۈلۈشكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىردەك قىزىقىشىنى قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە بوپقالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.