قىرغىزىىستان ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىپ، پارلامېنتلىق تۈزۈمىگە كۆچۈشنى ماقۇللىدى

قىرغىزىستان خەلقى شەنبە كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىپ، پرېزىدېنتلىق تۈزۈمدىن پارلامېنتلىق تۈزۈمگە كۆچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. قىرغىزىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېڭى ئاساسىي قانۇن مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. لېكىن، يېڭى سېستىمىنىڭ قىرغىزىستاندا مۇقىملىقنى ساقلىيالىشىغا نىسبەتەن تۈرلۈك پىكىرلەر ۋە قاراشلار مەۋجۈت.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان يەكشەنبە كۈنىدىكى "يېڭى ئاساسىي قانۇن"نى ئاۋازغا قويۇش ھەرىكىتىدە بىلەت تاشلاش سالاھىيىتىگە ئىگە پۇقرالارنىڭ 70% ى ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ، قىرغىزىستاننىڭ ھاكىمىيەت شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاۋاز بېرىشكە قاتناشقان پۇقرالارنىڭ 90% ى "يېڭى ئاساسىي قانۇن"نى قوللاپ بىلەت تاشلىغان.

يېڭى ئاساسىي قانۇن بويىچە قىرغىزىستان بۇنىڭدىن كېيىن پارلامېنت تۈزۈمى بويىچە ئىدارە قىلىنىدۇ. بۇ تۈزۈمگە ئاساسەن پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇقى قىسقارتىلىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى كۈچەيتىلىدۇ. ھۆكۈمەتنى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن پارتىيە رەھبىرى تەشكىللەيدۇ. ئەگەر بۇ تۈزۈم مۇۋاپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، قىرغىزىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىچىدە پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھۆكۈمەتنى باش مىنىستىر ئىدارە قىلىدىغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغۇسى.

قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى روزا ئوتانبايېۋا يەكشەنبە كۈنىدىكى رېفىراندۇمدا يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى قىرغىزىستاننىڭ ھەقىقىي دېموكراتىيە يولىغا قاراپ باسقان مۇھىم قەدىمى دېگەن. لېكىن قىرغىزىستاندا پارلامېنت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش مەسىلىسىگە نىسبەتەن ئانالىزچىلاردا ئوخشىمىغان پىكىر ۋە قاراشلار مەۋجۈت.

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇرۇن ئۆكتىچى گۇرۇھلار سىياسەتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ دائىم كوچا ئىسيانىغا تايىنىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش ھەرىكىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ قېتىم ئەگەر پارلامېنت تۈزۈمى مۇۋاپپەقىيەتلىك يولغا قويۇلسا، بۇ ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىكى رولى كۈچىيىپ، ئۇلار پارلامېنتنىڭ قارار چىقىرىشىغا قاتنىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ كوچا ئىسيانلىرىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرىدۇر.

لېكىن يەنە بەزى ئانالىزچىلار مەزكۇر تۈزۈمنىڭ قىرغىزىستاندا ئاقماي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ پىكىرىچە، پارلامېنت تۈزۈمى قىرغىزىستان جەمئىيىتىدىكى سىياسى بۆلۈنۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قىرغىزىستاننى دائىم ھۆكۈمەت كرىزىسى يۈز بېرىپ تۇرىدىغان مۇقىمسىز دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى مەۋجۇت. بۇ قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەر قىرغىزىستان جەمئىيىتى ۋە پۇقرالاردىكى قەبىلىچىلىك ئېڭى پارلامېنت تۈزۈمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ سۆزلەر قىرغىزىستان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەرگە ئائىتتۇر.

بۇ قېتىمقى رېفىراندۇم يېقىندا ئوش ۋە جالالئابادتىكى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلاپ، 2000 ئادەم ئۆلگەن، 400 مىڭ ئادەم ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان ناھايىتى نازۇك بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى بورىس فىرلېك "رېفىرامدۇم ناھايىتى قىيىن ۋەزىيەت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئوش ۋە جالالئابادتىكى زوراۋانلىقلاردىن پەقەت بىر قانچە ھەپتە كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر رېفىراندۇمنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرغان دېيىشكە بولىدۇ" دېگەن.

لېكىن، بەزى دۆلەتلەر قىرغىزىستاندا پارلامېنت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ يەرلىك ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەختكە چىقىشىغا يول ئېچىپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. بۇ قاراشتىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى رۇسىيە بولۇپ، رۇسىيە رېفىراندۇمنى قوللىغان بولسىمۇ، لېكىن پرېزىدېنت مېدۋېدىۋ بۇنىڭ يەرلىك ئەسەبى كۈچلەرنىڭ تەختكە چىقىشىغا يول ئېچىپ بېرىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات، رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئەندىشىسىنى بىھۇدە دەپ كۆرسەتتى.

قىرغىزىستاندا بۇ يىل 10 ‏- ئايدا پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھۆكۈمەتنى سايلامدا پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن پارتىيە قۇرىدۇ. ھەر نۆۋەتلىك پارلامېنت سايلىمى 5 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ. پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 6 يىل بولۇپ، پەقەت بىر قېتىملا سايلىنالايدۇ. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى ئوتانبايىۋانىڭ ھازىرقى ۋەزىپىسى كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىلىرىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئۇ دۈشەنبە كۈنى يېڭى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، بۇ يىل 10 ‏- ئايدىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور قاھار باراتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، رېفىراندۇم قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدىكى مۇھىم قەدەم بولسىمۇ، لېكىن ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۆزبېكلەرنى خاتىرجەم قىلىش قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

قىرغىزىستاندىكى رېفىراندۇمغا خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئىجابىي باھا بەرگەن. ياۋروپا بىخەتەرلىك‏- ھەمكارلىق تەشكىلاتى رېفىراندۇمنىڭ ئوش ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىزلىقلارغا قارىماي ئوچۇق ‏- ئاشكارا ۋە نىسبەتەن تىنچ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، گەرچە بىلەت تاشلاش جەريانىدا بەزى يىتەرسىزلىكلەر بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن رېفىراندۇم ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى ئورنىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. بۇ ئورگان رىفىراندۇمنىڭ ئاساسەن مۇۋاپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىلەت تاشلاش جەريانىدا بەزى يىتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى، بىر ئادەم ئىككى قېتىم بىلەت تاشلايدىغان خائىشلارنىڭ يىتەرلىك ئالدى ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.