قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە

قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى چۇ ۋىلايىتىدە ئولتۇرىدىغان ئۇيغۇرلار يېقىندا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە مۇيەسسەر بولغان.

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، چۇ ۋىلايىتىنىڭ توقماق شەھىرىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلارغا ئانا تىلدا ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ئېچىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلغان، بۇنىڭغا يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ياردەمدە بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.