شۇنىڭ بىلەن بىرگە جاي - جايلاردا 27 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇننىڭ يېڭى لايىھىسىگە ئاۋاز بېرىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلاندى. مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋاز بېرىش بېلەتلىرى ھەر قايسى سايلام پونكىتلىرىغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
گەرچە ئوش، جالالئاباد قاتارلىق ئوبلاستلاردا يۈرگۈزۈلىۋاتقان ھەربىي ھالەت 25 - ئىيۇنغىچە ئۇزارتىلغان، خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى قانلىق توقۇنۇشتىن پەيدا بولغان جاراھەت ئىزلىرى تەلتۆكۈس يوقالمىغان، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ۋە چەت ئەللەردىن توقۇنۇش بولغان رايونلارغا بېرىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ھەمدە دۆلەتتە تىنچلىقىنى تېزرەك ئەسلىگە كەلتۈرۈش شۇنداقلا ھاكىمىيەتنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە 27 - ئىيۇنغا بەلگىلەنگەن ئاساسى قانۇننىڭ يېڭى لايىھىسىگە ئاۋاز بېرىشنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا.
ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەربىي قىسىملار، ئامانلىقنى قوغداش ساقچىلىرى ۋە ئىختىيارلىق بىلەن تۈزۈلگەن خەلق قوشۇنلىرى ئاممىغا قارىتا جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن ئۆسەك سۆزلەرگە ئالدانماسلىق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشچىسى روزا ئوتۇنبايېۋا 18 - ئىيۇندىن 21 - ئىيۇنغىچە ئوش، جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا بولغان مەزگىلىدە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرۇشۇشلارنى ئۆتكۈزۈپ، تەخىتتىن قوغلانغان سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ چەت ئەللەردىكى تېررورچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بۇ قېتىمقى قانلىق توقۇنۇشنى پىلانلىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خەلققە 27 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىشنىڭ مەملىكەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ياخشىلاشتىكى رولى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى. ئۇ يەنە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ توقۇنۇشتا يارىلانغانلاردىن ھال سورىدى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ، بېشكەك شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەردە ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىش ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئوش، جالالئاباد ئوبلاستلىرىدىكى خەلققە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ئىشىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.
20 - ئىيۇن بېشكەك شەھىرىنىڭ پاكىروۋكا مەھەللىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 275 مىڭ سوملۇق يېمەك - ئىچمەكنى بىر دانە "كاماز" ماركىلىق ماشىنىغا يۈكلەپ ئوش ئوبلاستىغا يولغا سالدى. 21 - ئىيۇن لېبىدىنوفكا مەھەللىسىدىكى ئۈچ يېزىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتى 180 مىڭ سوملۇق يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەكلەرنى، "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى قارا قول شەھەرلىك شۆبىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 80 مىڭ سوملۇق يېمەك - ئىچمەكلەرنى، "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى قارا بالتا شەھەرلىك شۆبىسىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى 75 مىڭ سوملۇق ئىقتىسادى ياردەمنى ئوش ئوبلاستى قارا سۇ رايونىنىڭ قەشقەر يېزىسىدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئەۋەتتى.
نۆۋەتتە ئوش شەھىرىدىن كەلگەن ھەر مىللەتتىن بولغان 14 يېتىم بالا بىلەن 4 نەپەر بالىلارغا قارىغۇچى ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى "ئىتتىپاق" جەمئىيىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ياتاق - تاماق ھەمدە داۋالىنىش مەسىلىلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشتا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ھەمكارلاشماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.