قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇش پەسىيىشكە يۈزلەندى

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىشى نەتىجىسىدە، قىرغىزىستاننىڭ ئوش، جالالئاباد ئوبلاستلىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار پەسىيىشكە يۈزلەندى.

0:00 / 0:00

ئۆز - ئارا ئېتىشىشلار ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئىلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللارغا قول سېلىش ۋەقەلىرى ئاندا - ساندا يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت جەنۇبقا ئەۋەتكەن ھەربىي قىسىملار ۋە ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرىنىڭ كەسكىن تەدبىرلىرى نەتىجىسىدە، ئوش، جالالئاباد شەھەرلىرىدە نىسبىي تىنچلىق ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

ئوش شەھىرىدە ئىككى نان زاۋۇتى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى سۈپىتىدە كەلگەن ئۇنلار بىلەن نان، بولكا قاتارلىقلار تەييارلىنىپ ئاچارچىلىقتا قالغان ئاممىغا تارقىتىپ بېرىلىشكە باشلىدى. جالالئاباد شەھىرىدىكى بازارلار، سودا دۇكانلىرى ئېچىلىپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى نورمال تەرتىپتە ئىشلەشكە باشلىدى.

ئىتار ئاگېنتلىقىنىڭ 15 - ئىيۇندىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا ئۆي - ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان قاچاقلارنىڭ سانى 275 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. ياۋرۇپا ئىتتىپاقى قاچاقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تەرىقىسىدە ئالتە دانە ئىل - 76 ئايروپىلان بىلەن ئوزۇق - تۈلۈك ۋە دورا - دەرمەكلەرنى ئەۋەتىشنى قارار قىلغان بولۇپ، بۇ ئايرۇپىلانلارنىڭ بىرىنچىسى 16 - ئىيۇن كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىگە كەلمەكچى.

قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان مەلۇماتلار بويىچە، توقۇنۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 178 گە، يارىلانغانلار 1800 گە يەتكەن. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت باشلىقى روزا ئوتۇنبايېۋا 15 - ئىيۇن بىشكەك شەھىرىدىكى ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھەقىقىي سانىنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

روزا ئوتۇنبايېۋا سۆزىدە، بۇ توقۇنۇشنى تەخىتتىن قوغلانغان سابىق پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ پىلانلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ 27 - ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمى خەلقنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قەستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئاۋاز بېرىش پائالىيىتىنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

قىرغىزىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ باشلىقى كېڭەشبېك دۈشېبايىف دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ سۆزلىگەن سۆزىدە، ئەنگلىيىدە قولغا ئېلىنغان ماكسىم باقىيېفنى قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن باش پروكۇرور بىلەن بىرلىكتە تېگىشلىك ماتېرىياللارنىڭ تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنى ماكسىم باقىيېفنىڭ بىۋاستە پىلانلىغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك پاكىتلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ توقۇنۇشنى پىلانلاشقا قاتناشقان ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا قۇرمانبېك باقىيېف ھاكىمىيىتىدە خىزمەت قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ئىتار ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بېلورۇسىيە ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان باش پروكرۇرىنىڭ قۇرمانبېك باقىيېفنى قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان ھەمدە "سىياسىي مەسىلىلەر قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ" دەپ كۆرسەتكەن.

نۆۋەتتە، قىرغىزىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوش، جالالئاباد ئوبلاستلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توپلاش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.