قىرغىزلار ۋە ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقە 6 كۈندىن بېرى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە ئورۇن ئالماقتا. تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ توقۇنۇشتا 200 ئەتراپىدا كىشى ئۆلگەن، 2000 غا يېقىن ئادەم يارىدار بولغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ
2010.06.16
Qirghiz-Jalal-Abadta-yuz-bergen-toqunush-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 14 - ﻣﺎﻱ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻔﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻫﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە بولۇۋاتقان مەسىلىلەر، ئۆزبېك ۋە قىرغىزدىن ئىبارەت ئىككى قېرىنداش مىللەت نېمە ئۈچۈن بىر - بىرىنى قىرىدۇ؟ رۇسىيە نېمە ئۈچۈن قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى؟ ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن تېخىچە پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى؟ ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا كەلگەن ئۆزبېكلەرنىڭ بەزىلىرى نېمە ئۈچۈن ئۆزبېكىستانغا كىرىشكە رۇخسەت قىلىنمىدى؟ بۇ ۋەقەدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولى نېمە؟ تۈرك ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟ دېگەندەكلەردىن ئىبارەت.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىپ قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد ۋىلايەتلىرىدە تۇرۇشلۇق تۈركلەرنى تۈركىيىگە قايتۇرۇپ ئەكەلدى. قايتىپ كەلگەن تۈركلەرنىڭ ئېيتىشىچە چىرايى ئۆزبېكلەرگە ئوخشايدىغان بەزى تۈركلەر ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزلار تۈركلەرگە چېقىلمىغان.

بىز يۇقىرىدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئاندىجان ۋە تۈركىيە قوچ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور تېمۇر قوجائوغلۇ ئەپەندىلەرگە مىكرافونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

بۇرۇن تۈركىيىدە تۈركىي مىللەتلەر ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى ئۆتىگەن پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى قىرغىزلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن بۇنىڭ بىر تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى بار. پەرغانە ۋادىسى سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە ئۈچ رېسپۇبلىكىغا، يەنى قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانغا بۆلۈپ بېرىلگەن. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكلەر ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئوش بىلەن جالالئابادنى 1936 - يىلى قىرغىزىستاننى رېسپۇبلىكا قىلغان ۋاقتىدا قىرغىزىستانغا بەرگەن. خوجەنت شەھىرى تاجىكىستانغا بېرىلگەن. ھازىر بۇ دۆلەتلەرنىڭ چېگرىلىرى مىللىي كىملىكلەرگە ماسلاشمايدۇ. يەنى، ئۆزبېكلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان جايلار تاجىك ۋە قىرغىزلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە رۇسلارنىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىن توقۇنۇش مەيدانغا چىقمىغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاجىزلىغاندىن كېيىن، 1989 - يىلى، پەرغانىدە ئاغىسكا تۈركلىرى بىلەن ئۆزبېكلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كەلدى. 1990 - يىلى، يازدا تۇپراق بۆلۈپ بېرىشتىكى ئادالەتسىزلىك باھانىسىدا ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. بۇ توقۇنۇشتا 150 ئەتراپىدا ئۆزبېك، 40 ئەتراپىدا قىرغىز ۋە بىر قانچە رۇس ئۆلگەن ئىدى."

سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى بۇ توقۇنۇشنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئىككىنچى سەۋەبنىڭ ئىقتىسادىي سەۋەب ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ئەڭ نامرات دۆلەتلەردۇر. 2008 - يىلىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قىرغىزىستاندىكى بىر ئىنساننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 550 دوللار ئەتراپىدا. بۇ دارامەت ئادىل تارقىتىلسا بىر كىشىنىڭ ئايلىق مائاشى 50 دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ دېگەن گەپ. بۇنداق بىر شارائىتتا قىرغىزىستاندا، پارىخورلۇق، ئارقا ئىشىك ۋە قانۇنسىزلىق ئاجايىپ ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئادالەتسىزلىك ھاكىمىيەتكە ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولغان نەپرەتنى كۈچەيتىۋەتكەن."

سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى ئۈچىنچى سەۋەبنىڭ سىياسىي سەۋەب ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: "ئوش ۋە جالالئابادتىكى بۇ ۋەقەنى باشلىغان كىشىلەر سابىق دۆلەت باشلىقى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى. ئۇلار باقىيېفنىڭ قىرغىزىستانغا كېلىپ، قايتا دۆلەت باشلىقى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ يەردىكى ئۆزبېكلەر باقىيېفنىڭ ئەسەبىي مىللەتچىلىك سىياسىتىگە قارشى ئىدى. ئوش ۋە جالالئابادتىكى ئۆزبېكلەر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قوللايتتى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى بولغان بۇ قىرغىزلار مەركەزگە قارشى ئېلىپ بارماقچى بولغان ھەرىكىتىنى ئۆزبېك - قىرغىز توقۇنۇشىغا ئايلاندۇردى. قىسقىسى، بۇ قانلىق ۋەقەنىڭ سەۋەبى تارىخىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەۋەبتىن ئىبارەت."
 
سابىق دۆلەت مىنىستىرى پروفېسسور دوكتور ئەخەت ئاندىجان ئەپەندى ئۆزبېكىستاننىڭ يۈزلەرچە ئۆزبېك ئۆلتۈرۈلگەن مەزكۇر ۋەقەگە نىسبەتەن پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىكىدىكى سەۋەبنىڭ دۆلەت باشلىقى كېرىموفنىڭ ئۆزبېك خەلقىنى قوغداشتىن كۆرە، ئۆز تەختىنى قوغداپ قېلىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: "ئۆزبېكىستان، 1990 - يىلىدا 150 ئۆزبېك ئۆلتۈرۈلگەندىمۇ پوزىتسىيە بىلدۈرمىگەن ئىدى. ھازىرمۇ پوزىتسىيە بىلدۈرمەي تۇرىۋېلىۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستاندا دىكتاتۇرلىق تۈزۈم مەۋجۇت . ئىسلام كېرىموف 2005 - يىلى، قىرغىزىستاندا مەيدانغا كەلگەن ھۆكۈمەتكە قارشى ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۆزبېكىستانغا يېيىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، قىرغىزىستان چېگرىسىنى تاقىۋەتكەن ئىدى. ئىسلام كېرىموف ئۈچۈن ئۆزبېكلەرنىڭ جېنى، ئۆزبېك خەلقىنىڭ مەنپەئەتى مۇھىم ئەمەس، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى مۇھىم. شۇڭا، بۇ قېتىم قىرغىزىستاندىن قېچىپ ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا كەلگەن ئۆزبېك ياشلارنى كىرگۈزمىدى. ياشانغان ئاياللارنى ، بالىلارنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئۆزبېكىستان خەلقى ئوش ۋە جالالئابادتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۆزبېكلەردىن بىخەۋەر. ئۆزبېك مەتبۇئاتلىرى قىرغىزىستاندا توقۇنۇش بولغانلىقىنى بېرىۋاتىدۇ، ئەمما ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بەرمەيۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇنى بىلىدۇ، ئەمما خەلققە ئاشكارىلىمايۋاتىدۇ."

سابىق دۆلەت مىنىستىرى ئەخەت ئاندىجان تۈركىيىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ بەك ئاز ئىكەنلىكىنى، ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىپ تۈركلەرنى ئەكەلگەنلىكىنى ۋە ياردەم بويۇملىرى يوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا بىر چوڭ رولى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ، بۇنىڭ سەۋەبنىڭ قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيىدىن بىرەر تەلىپى يوقلۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى خالىمىغاچقا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتمىگەن بولۇپ، بەلكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ياردەم قوشۇنى تەشكىللەپ ئوش ۋە جالالئابادقا ئەۋەتىش ئېھتىمالى بار.
 
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.