قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى 8 - مارتنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

خەلقئارا 8 - مارت ئاياللار كۈنى قىرغىزىستاندا تەنتەنە بىلەن تەبرىكلەندى. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ كۈننى "ئىنتىزار" ئۇيغۇر رېستورانىغا يىغىلىش ئارقىلىق قىزغىن كۈتۈۋالدى.

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىلىشقا بىشكەك، توقماق، قارا بالتا شەھەرلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن ئايال شۇنىڭدەك قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ مەسلىھەتچىسى ئايبېك پولاتبېكوۋ، ئالىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى پەرھات ھاجى تۆلەندىبايېۋ قاتارلىق ئەربابلارمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان.

يىغىندا ئاياللار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار مەسۈموۋا ئېچىلىش سۆزى قىلدى. يىغىندا قىرغىزىستاندا ھەر ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاياللار قاتناشقان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا يەنە ئاياللار ئىتتىپاق كومىتېتىدا ئاكتىپ خىزمەت كۆرسىتىۋاتقان بىر قىسىم ئاياللار مۇكاپاتلاندى. يىغىن ئاخىرىدا سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.