كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇڭا مەزكۇر كېلىشىمنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى جىددىي ئەندىشىگە سالغان.
خىتاي-قىرغىزىستان ئارىسىدا ئىمزالىنىپ، 28-ماي قىرغىزىستان پارلامېنتى خەلقئارا ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇلغان مەھبۇسلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش توغرىسىدىكى كېلىشىم لايىھىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۆز ئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ.
قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش تەپتىشى ئوسمانوۋانىڭ 28-مايدىكى پارلامېنت يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، جۇڭگودا جازاغا تارتىلغان كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، بىراق ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئەدلىيە ئورگانلىرى خىتاينىڭ تەلىپىنى بېجىرىشكە ئامالسىز قالغان. ئوسمانۇۋا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدا قانۇنىي جازاغا تارتىلغان قايسى كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق قىرغىزىستان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قىرغىزىستانغا قېچىپ چىققان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى تۇتۇپ، نۇرغۇن كىشىنى خىتايغا مەخپىي ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا سىر ئەمەس.
مەزكۇر كېلىشىم مۇزاكىرىگە قويۇلغان بۇ ۋاقىت، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلاردا 2005-يىلى قىرغىز سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1998-يىلى يۈز بەرگەن ئوشتىكى ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىلىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئەسقەر توختى، ئەخمەت گۈنەن، ئېلى مەسۇم قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق جازالانغانلىق پىكرى كۈچىيىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى تەكرار كۆرۈپ چىقىش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى.
قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف قىرغىزىستان پارلامېنتى مەزكۇر كېلىشىمنى ماقۇللىغان تەقدىردىمۇ، بىراق پرېزىدېنت ئالماسبېك ئاتامبايېفنىڭ بۇنىڭغا ئىمزا قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ قېچىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەسىلىسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن مەسىلە. بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ قىرغىزىستان بىلەن بۇ خىل كېلىشىم تۈزۈشكە قىزىقىشىدىكى سەۋەب، قىرغىزىستانغا قېچىپ چىققان ۋە ئۇ يەردە پائالىيەت قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتۇر.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئىنتايىن زىچ بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە چېقىپ چىققان ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىنىڭ بۇ ئەللەردىكى ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى، خەلقئارا مۇساپىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىپ، 3-بىر دۆلەتكە كېتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجەفىسكى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىت ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: ئەلۋەتتە، بىز بۇ خىل تەرەققىياتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز. قىرغىز ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر لايىھىنى ماقۇللىماسلىققا جىددىي چاقىرىمىز. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قىرغىزىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ھاسىل قىلغان ھەر قانداق كېلىشىم، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى زور تەھدىتكە دۇچار قىلىدۇ. بىز بۇرۇن قازاقىستانغا ئوخشاش مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەلىرىنى كۆردۇق. بۇ كىشىلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىدىن تولۇق ئۇچۇر ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى.
ھېنرىي شاجەفىسكى يەنە، كېلىشىمنىڭ قىرغىزىستان پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قانۇنىي تۈس بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: خىتاي، قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قانۇنىي تەرتىپ ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قالماي داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىيىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش توغرىسىدا قانۇن چىقىرىشنى مۇنازىرە قىلىشى ناھايىتى جەلپ قىلارلىق ۋەقە. ئۇلارنىڭ قانۇنىي ئاساس ھازىرلاپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئاسانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، مەن بايان ئېيتقاندەك خەلقئارا ئۆلچەمگە خىلاپ. شۇڭا مەن قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللاشنى توختىتىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە خەلقئارا قانۇنلارغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىشىنى چاقىرىق قىلىمەن، دەپ كۆرسەتتى.
بىراق بەزى قىرغىز پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر كېلىشىمنى ماقۇللاش خىتاي تۈرمىسىدىكى قىرغىزىستان پۇقرالىرىنى قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ بېرىش نۇقتىسىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى بەس-مۇنازىرىدە، بەزى ئەزالار ھازىر 17 نەپەر قىرغىز پۇقراسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر كېلىشىم ماقۇللانسا، مۇتلەق كۆپ قىسمى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى بىلەن تۇتۇلۇپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىشگە يول ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىلمۇرات ئەكبەروف، قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلىتىپ، مەزكۇر كېلىشىمنى ماقۇللاتماسلىققا يار بەرمەيدىغانلىقى، شۇڭا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئارىلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر مەزكۇر كېلىشىم تەستىقلانسا، خىتاينىڭ قىرغىزىستانغا قېچىپ چىققان ھەر قانداق ئۇيغۇر پائالىيەتچىگە «تېررورلۇق جىنايىتى» ئارتىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك.
ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىدىكى ھېنرىي شاجەفىسكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دائىم ھېچقانداق پاكىت كۆرسەتمەي، تىنچ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكى، شۇڭا قىرغىزىستاننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يوللىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەققىدىكى ھەر قانداق پاكىت خەلقئارا دەلىللەشكە ئېرىشمىگەن بولسا، خىتاينىڭ ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدى.