ۋولت سترىت ژۇرنىلىدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېلان قىلىنغان «قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىگە، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھاتتا كەينىگە چېكىنگەندىن كېيىن، خىتايغا ماۋ زېدۇڭ قايتىپ كەلدى دەپ قوشۇمچە ماۋزۇ قويۇلغان.
ئاپتور بۇ ماقالىنى، خىتاي يەنە قوراللىق قىسىملىرىنى باشلاپ چىقىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ باش كەنتى كوكخوتتا يايلاقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن موڭغۇللارنىڭ ئالدىنى توستى دەپ باشلاپ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا يۈز بەرگەن نارازىلىق 2008-يىلى 3-ئايدا لاسادا، 2009-يىلى 7-ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن نارازىلىققا ئوخشايتتى دەپ داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتايدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق قارشىلىق، پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭلا قارشىلىقى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدە، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان چوڭ ۋەقە 180 مىڭ قېتىم يۈز بەردى.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، جاڭشى ئۆلكىسىدە 2002-يىلىدىن تارتىپ توختىماي خىتاي مەركىزى كومىتېتىغا ئەرز قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دېھقان، ئۆتكەن ھەپتىدە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئۈچ دانە بومبىنى پارتلىتىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، بۇ پارتلاشتا يەنە ئۈچ ئادەم ئۆلدى. ئۇ دېھقان ئىنتېرنېتتا ئۆز ئىرادىسىنى مىراس قالدۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارتىۋالغان ئۆي-زېمىنىمنى قايتۇرۇپ بەرسۇن دەپ يازغان ئىكەن. خىتايدا بۇنداق نارازىلىق ئىپادىلەش خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن خىتاي خەلقى ئاللىقاچان ئۆز-ئارا قارشىلىشىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغىنى يوق. ئەمما بۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پىكرى ئىختىلاپ ئىچىدە. ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھازىر پارچىلىنىپ كەتتى. بۇ ھالەت، ئۇلارنىڭ كېلەر يىلىدىكى ھوقۇق تەقسىملەش پىلانىنى بۇزۇۋەتتى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ تەسۋىرلىگەندە، ھازىر خىتايدا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات يېرىم يولدا توختاپ قالدى، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىدىن ئەنسىرەپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيە 1989-يىلى تيەنئەنمېندە قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەندىن كېيىن، خىتايدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. ئەمما يېڭى ۋەزىيەتكە داۋاملىق تۈردە كونا ئۇسۇل بىلەن، يەنى باستۇرۇش بىلەن تەشۋىقاتقا تايىنىپلا مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بۇ، سولچىلارنىڭ ھىيلە-نەيرىڭى ئىدى. ھازىر ماۋ زېدۇڭچىلىقنىڭ قايتىدىن پەيدا بولۇشى دەل مۇشۇ شەكىل بىلەن يولغا قويۇلۇۋاتىدۇ.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ خەلقنى باستۇرىدىغان بىخەتەرلىك ئورگانلىرىغا ئادەم كەم ئەمەس، ئۇلارنىڭ سەرمايىسى دۆلەت مۇداپىئە سەرمايىسىدىن كۆپ، ھە دېسىلا «تاشقى دۈشمەنلەر قىلدى» دەپ قوپىدۇ. ئۇلار خىتايدا خەلقنى باستۇرۇشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆردى، باستۇرۇشنىڭ ھېچ بولمىغاندا ۋاقتىنچە ئۈنۈمى بولدى. بۇ قېتىممۇ ئىچكى موڭغۇلدا يايلاقلارنى ۋەيران قىلغان، موڭغۇللارنى ئاپتوموبىلغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقەنى «چەتئەللەردىكى دۈشمەن كۈچلەر پەيدا قىلدى» دېدى. خىتاينىڭ ھازىرقى موڭغۇللارنى باستۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەبىتلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ياسىمەن گۈلى ئىنقىلابىنىڭ خىتايدا يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش تەدبىرى.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇ جىنتاۋ 2002-يىلى، ئىشلىگەنلەرنى راھەت-پاراغەتكە ئېرىشتۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئەمەلدارلاردا پەيدا بولغان نەپسانىيەتچىلىك، پۈتۈن خەلقنى كوممۇنىست پارتىيىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدىغان قىلىپ قويغان ئىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى بۆ شىلەي ماۋ زېدۇڭ ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەشكە باشلىدى. خىتايدا ھازىر سولچىلار، بىر تەرەپتىن ماۋ زېدۇڭنى تەنقىدلىگەن زىيالىيلارنى ۋەتەن خائىنى دەپ چۇقان سېلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتتىكى ھەممە مەسىلىنى ماۋ زېدۇڭ ئېيتقان سۆزلەر بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەشكە باشلىدى.
«قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدىكى ئىككىنچى چوڭ باشلىق ۋۇ باڭگو، خىتايدا قىزىل ئەرۋاھنى چىللايدىغان خەتەرلىك بۇرۇلۇش پەيدا بولۇۋاتقاندا مەيدانغا چىقىپ، خۇسۇسى مۈلۈكنى يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇ جىنتاۋنىڭ ئىزباسارى شى جىنپىڭمۇ، ھەممە مەسىلىنى ماۋ زېدۇڭ ئېيتقان سۆزلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەكىتلەپ قوپتى. ئەگەر كوممۇنىست پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇ شەكىل بىلەن پۇت تىرەپ تۇرسىلا، كوممۇنىست پارتىيە بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش پارتلاپ چىقىشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.
خىتايدا «قىزىل ئەرۋاھ خىتاينى قاپلىدى» دېگەن ماقالىنى ئوقۇغان كىشىلەر، تۈنۈگۈندىن باشلاپ «خىتايغا نەزەر» تور گېزىتىدە باھا ئېلان قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق دەپ يېزىلغان: ماۋ زېدۇڭ دەۋرى --- خەلقتىن يەر-زېمىن، سودا-تىجارەت ۋە ھەممە خۇسۇسىي مۈلۈك بۇلاڭ-تالان قىلىنغان دەۋر. دېڭ شاۋپىڭ، جاڭ زېمىن دەۋرى --- بۇلاڭ-تالاندا توپلانغان مۈلۈكنى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ جەددى-جەمەتلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئالدى بىلەن باي قىلغان دەۋر. خۇ جىنتاۋ دەۋرى بولسا ئالدى بىلەن باي قىلىنغانلارغا بايلىقنىڭ راھىتىنى كۆرۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىلگەن دەۋر بولدى.