بۈگۈن 10 - ماي كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە ھاۋا ئىنتايىن ياخشى، كوچىلاردىكى ئانىلارنىڭ يۈزىدىن خۇشاللىق تۆكۈلۈپ تۇرماقتا. بەزى ئاياللار قولىدا قىزىل گۈل بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئانىلارغا نېمىلەر بولىۋاتىدۇ؟ دېگەن ۋاراقچا كۆتۈرىۋالغان بولۇپ بۇلار چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نامىدىن تۈرك ئانىلارغا سوۋغات قىلىنغان .
بۈگۈن ئەنقەرەنىڭ مەركىزى قىزىلاي مەيدانىدا بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر بىلەن ئەنقەرە گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتىنىگە بېرىپ ئانىسىنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلىيەلمىگەن ئۇيغۇرلار نامىدىن كوچىدىن ئۆتكەن ئانىلارغا قىزىل گۈل بىلەن ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ مەسىلىلىرى يېزىلغان ۋاراقچىنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئانىلار كۈنىنى تەبرىكلىدى.
بۇ پائالىيەت ئەنقەرە قىزىلاي مەيدانىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ قاتتىق دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىدى. بىز ئالدى بىلەن مىكروفونىمىزنى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى باشلىقى خەيرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
ۋەتىنىگە بېرىپ ئانىلىرىغا گۈل تەقدىم قىلىپ ئانىلار كۈنىنى قۇتلۇقلىيالمىغان مىڭلارچە ئۇيغۇر نامىدىن تۈرك ئانىلارغا گۈل تارقىتىۋاتقان گازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى گۈلشاھ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىشىدىكى مەقستى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " تۈركىيىدىكى ئانىلىرىمىز ئانىلار كۈنىنى ئەركىن ئۆتكۈزۈپ، ئاتا ۋەتىنىمىزدىكى ئانىلىلىرىمىز ئەركىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۆزىمىز ئۇ يەردە بولالمىساقمۇ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. خۇدايىم بۇيرىسا، ئالدىمىزدىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستانلىق ئانىلىرىمىز ئانىلار بايرىمىنى ئەركىن تەبرىكلىگۈسى."
مۈلكىيە بېكتاش خانىم ئۇيغۇرلار تارقاتقان گۈل بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان ۋاراقچىنى ئالغاندىن كېيىن مىكروفونىمىزغا ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ئۈچ ئوغلۇم بار، بىرسى ئارمىيىدە، ئىككىنچىسى يېقىندا ئارمىيىگە قاتنىشىدۇ، بىر ئوغلۇم مېيىپ، ئۆيدە. ئوغۇللىرىمنىڭ ھەممىسى ئانىلار بايرىمىمنى تەبرىكلىدى. ئۇلاردىن بەكلا پەخىرلەندىم. مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭمۇ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن. بەختسىز ئانىلارنىڭ بەخىتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن."
ئايسۇن خانىم ئانىلار كۈنى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ئەھۋالى مېنى بەكلا بىئارام قىلماقتا. ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىن ھېسداشلىق قىلىشتىن باشقا بىر ئىش قىلغىلى بولامدۇ بىلمەيمەن. مەن بۇ مەسىلىنىڭ بالدۇرراق ھەل بولۇشىنى، ئۇ يەردىكى ئانىلارنىڭمۇ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئانچە كۆپ مەلۇماتىم يوق، ئەمما بۈگۈن سىلەردىن ئاڭلاپ بەكلا ئېچىندىم."
سېۋىل ئىسىملىك بىر ئايال ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن قىزىل گۈلنى ئالغاندىن كېيىن بۇ گۈلنىڭ ئانىلار كۈنىدە ئۆزىگە بېرىلگەن تۇنجى گۈل ئىكەنلىكىنى ئۇيغۇر ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "ياق ئۇيغۇرلارنى بىلمەيمەن تۇنجى قېتىم ئاڭلىدىم. رەھمەت سىزگە!"
ئانىلار بايرىمى دەسلەپ 1908 - يىلى ئاننا جارۋىس ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ ۋاپات بولغان ئانىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ۋە پۈتۈن ئانىلار ئۈچۈن ئانىلار كۈنى قىلىپ تەبرىكلەشنى ئويلاپ چىقىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. دەسلەپتە بۇ كۈن كىچىك دائىرىدە خاتىرىلىنىپ كەلگەن.
1914 - يىلىغا كەلگەندە بولسا بۇ كۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن رەسمى ئانىلار بايرىمى دەپ قوبۇل قىلىنىپ ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبىسى ئانىلار كۈنى قىلىپ بېكىتىلگەن.
ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن ئانىلار كۈنى بارا - بارا پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ دۇنيا بويىچە ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان بىر مەنىلىك بايرامغا ئايلانغان. بۇ كۈن تۈركىيىدە 1965 - يىلىدىن بېرى ئوخشىمىغان پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە ئىكەن.