قىزىل ناخشا ئېيتىش-مىراسخورلار ھاكىمىيىتىنىڭ پەردە ئېچىش نەغمىسى

خىتايدا ھازىر قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتى قوزغىتىلماقتا. بۇ، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ 18‏-قۇرۇلتىيىدا تەختكە چىقىدىغان مىراسخورلار ھاكىمىيىتىنىڭ پەردە ئېچىش نەغمىسى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ ئىنگلىزچە خەلق گېزىتى يېقىندىن بۇيان، خەلق ئاممىسى كوممۇنىست پارتىيىگە بولغان مۇھەببىتى ئۇرغۇپ-تېشىپ، قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى باشلىدى دەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۈگۈن يەنە، تيەنجىندىكى ياش ئۆسمۈرلەر قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى قوزغىۋەتتى دەپ خەۋەر قىلدى.

«لوس ئانجىلىس پوست» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا قوزغىتىلغان قىزىل ناخشا ھەرىكىتى، خىتاي بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئۆلكە دەپ ھېسابلىنىدىغان سىچۈەندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر-چۇڭچىندا باشلاندى. بۇ ھەرىكەتتە ئېيتىلغان قىزىل ناخشىلار، ماۋ زېدۇڭ 36 مىليون ئادەمگە سىياسىي زىيانكەشلىك قىلغان ۋە بىر مىليون 500 مىڭ ئادەمنى قىيناپ ئۆلتۈرگەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا، ماۋ زېدۇڭپەرەسلەر ئېيتقان ناخشىلار. بۇنداق قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى، چۇڭچىن شەھىرىنىڭ پارتكوم باشلىقى، مىراسخور بۆ شىلەي، خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن قوزغىغان.

ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە چىقىدىغان «خۇفېڭتۇن پوست» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ھازىر قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتتە ئېيتىلغان ناخشىلار پۈتۈنلەي «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەن سىياسىي ھەرىكەتتە ئېيتىلغان، خۇددى « كوممۇنىست پارتىيە بولمىسا جۇڭگو بولمايتتى»، «كوممۇنىست پارتىيىگە ئەگىشىمىز» دېگەندەك ناخشىلار.

ھازىر خىتايدا قوزغىتىلغان قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىگە، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى كۆرمىگەن، ئەمما بۇ ھەقتە ھەرخىل ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ياش ئۆسمۈرلەر ئۆزگىچە قاراشتا. جېجياڭدىكى 14 ياشلىق بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇخبىرىغا، ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق ناخشىلارنى خەلق چىن قەلبىدىن ھاياجانلىنىپ ئېيتقانمۇ ياكى مەجبۇرلىنىپ ئېيتقانمۇ، شۇنى بىلگۈم كېلىدۇ، دېگەن.

«بوشۈن» تورگېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 17-قۇرۇلتىيىدا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان «پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار» نىڭ مىراسخورلىرىغا خېلى كۆپ ئورۇن بېرىلگەن (بۇنداق مىراسخورلارنى مۇلاھىزىچىلەر بەگزادىلەر، كوممۇنىستلارنىڭ جەددى-جەمەتى دەپمۇ ئاتايدۇ. بەزى شائىرلار، ناخشىچىلار ئۇلارنى قىزىلبايراقنىڭ تۇخۇملىرى دەپمۇ ئاتىغان) ئىدى. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش كوممۇنىست پارتىيە پېشقەدەملىرىدىن چېن يۈن، دېڭ يۈنچاۋلارنىڭ، ھاكىمىيەتنى بالىلىرىمىزغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز، ئۇلار ھېچبولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرىغا قارشى چىقمايدۇ، دېگەن تاپشۇرۇقى بويىچە بولغان. مانا ھازىر شۇ مىراسخورلار 18‏-قۇرۇلتايدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇلار ھازىر خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە پەيدا بولغان خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش شوئارىنى توۋلاپ مەيدانغا چىقتى.

سىياسىي مىراسخورلارنى ئىز باسار قىلىش خىتاي كوممۇنىست پارتىيە قوللىنىۋاتقان قانداشلىق سىياسىتى. ھازىر سىچۈەندە قىزىل ناخشا ئېيتىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان بۆ شىلەي، دەل «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»دەۋرىدە، ماۋ زېدۇڭغا ئەگىشىپ «قەھرىمان ئاتىنىڭ بالىسى ئەزىمەت» دېگەن شوئارنى توۋلاپ، دادىلىرىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغان ئەشەددىي چوماقچىلارنىڭ بىرى.

«خۇاشا مۇنازىرە مۇنبىرى» دېگەن تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان چۇڭچىندىن يېزىلغان بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، چۇڭچىن شەھىرىنىڭ قىزىل ناخشا ئۆمىكى يېقىندا بېيجىڭغا كېلىپ، ئازادلىق ئارمىيە ئىككىنچى توپچى قىسىم كىلوبى، بېيجىڭ ھەربىي رايون كىلوبى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق چوڭ كۇلۇبلاردا قىزىل ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭغا بۆ شىلەي ئۆزى قاتناشقان. بېيجىڭلىقلار ھازىر بۇ قىزىل ناخشا ھەرىكىتىنى، سولغا بۇرۇلۇش سىگنالى دەپ قارىماقتا.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، چۇڭچىندا كۆپچىلىك خەلق قىزىل ناخشا ئېيتىشقا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدۇ. بىرىنچىدىن خەلق ھازىر بۇنداق سول ئېقىمنى خالىمايدۇ، ئىككىنچىدىن قىزىل ناخشا ئېيتىش زامانغا ماس كەلمەيدىغان تەتۈر ئېقىم.