كوپېنھاگېندا داۋاملىشىۋاتقان كىلىمات سۆھبىتىدە، بۈگۈن دۇنيا بويىچە ھاۋاغا ئەڭ كۆپ زەھەرلىك - كاربون گازى قويۇپ بېرىدىغان ئىككى دۆلەت يەنى ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ كىلىمات ئەلچىسى ئوتتۇرىسىدا نامرات دۆلەتلەرگە تۆلەم بېرىش مەسىلىسىدە ناھايىتى كەسكىن ۋە قىزىقارلىق مۇنازىرە يۈز بەردى.
مۇنازىرىدە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلچىسى بىر-بىرىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھاۋا بۇلغىغۇچى، نامرات دۆلەتلەرگە تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك دۆلەت، كۆرسىتىشتى.
جونازەن بىلەن يۈچىتەينىڭ مۇنازىرىسى ۋە كۆرسەتكەن پاكىتلىرى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ كىلىمات ئەلچىسى يۈچىتەي يەر شارى ئىسسىپ كېتىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا ئوخشاش باي دۆلەتنىڭ جاۋابكارلىقى بار، بۇ دۆلەت ئەمدى تەرەققىي قىلىۋاتقان نامرات دۆلەتلەرگە تۆلەم بېرىشنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئەلچىسى جونازەن پېرشىڭ ئۇنىڭغا جاۋابەن 'مۇتلەق كۆپ ساندىكى نامرات دۆلەتلەرنىڭ خەلقىگە تۆلەم بېرىشكە تېگىشلىك دۆلەت ھەققىدە ئويلانغاندا، ئالدى بىلەن ئەڭ نامرات دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە ئەڭ چوڭ زىيان سېلىۋاتقان خىتايدىن باشلاش كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.
-- بىز چالا كۆيگەن گازلارنى ئاتموسفېراغا قويۇپ بەرگەن تارىخىمىزنى ئېتىراپ قىلىمىز، ئەمما ھازىرقى رېئال مەسىلىدىكى جاۋابكارلىققا كەلگەندە رەت قىلىمەن، --- دېدى ئامېرىكا كىلىمات ئەلچىسى. ئۇ سۆزىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ' ئەمما تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە تېخىچە تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇ قوللىنىۋاتقان خىتايغا ئوخشاش دۆلەت ھازىرقى رېئال مەسىلە ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەيدۇ'، 'شۇڭلاشقا، نامرات خەلقلەر ئۈچۈن تەييارلىنىدىغان جامائەت فوندىنىڭ جانلىق كاندىداتى، دۇنيانىڭ ھاۋاسىنى بۇلغاش بەدىلىگە تىرىليونلاپ پۇل توپلىۋالغان خىتاي بولۇشى كېرەك' دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە يەنە، چالا كۆيگەن گازلارنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش جەھەتتە، خىتاي 2005، 2006 - يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىپ، دۇنيا بويىچە ھاۋاغا زەھەرلىك كاربون گازى قويۇپ بېرىدىغان 1 - نومۇرلۇق چوڭ دۆلەتكە ئايلانغانلىقى، ھازىر دۇنيادا مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت.
كىلىمات يىغىنىنىڭ سىرتىدىمۇ، بۇنداق مۇنازىرىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ
يىغىننىڭ سىرتىدىمۇ، بۇنداق مۇنازىرىلەر بار، بولۇپمۇ خىتايچە تور گېزىتلىرىدە كۆپ. خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە، يېڭى ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇھىتشۇناس يازغۇچىسى كرىستىنا لارسونننىڭ ئوبزورلىرى خىتايچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلغان ھامان، ئۇنى خىتايدا بىر مۇنچە تور گېزىتلىرى ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى كۆچۈرۈپ باستى. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن كرىستىنا لارسونننىڭ 'قىزىل خىتاي يېشىلغا ئايلىنالامدۇ؟' دېگەن ئوبزورى ئەڭ كۆپ دىققەتكە سازاۋەر بولدى.
"مەن بېيجىڭدا ھەمىشە تۈتەك ئىچىدە قېلىپ، ئۇپۇقنى كۆرەلمەيمەن"
كرىستىنا خانىم ئوبزورلىرىدا ئالدى بىلەن ئۆزى بېيجىڭدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە چوڭقۇر ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان: مەن بېيجىڭدا ھەمىشە تۈتەك ئىچىدە قېلىپ، ئۇپۇقنى كۆرەلمەيمەن. ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ كۈندىلىك ھاۋا بۇلغىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىدا 'خەتەرلىك' ياكى 'ناھايىتى خەتەرلىك' دېگەن ئىككى بەلگىدىن باشقا بەلگە يوق. مەشھۇر مۇھىتشۇناس ماجۈن ئەپەندىنىڭ ئايالى 'بەدەن چېنىقتۇرىمەن دەپ سىرتتا يۈگۈرۈپ يۈرگەنلەر ساراڭ' دېگەننىمۇ ئاڭلىدىم. ئەمما بەزى چەتئەل ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى، خىتاي ھازىر يەر شارىدىكى ئەڭ يېشىل دۆلەتكە ئايلانماقتا، دەپ يازىدۇ.
خىتايدا ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم بۇلغانغان ھاۋادا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتىدۇ
ئەمەلىيەت مۇنداق: خىتاينىڭ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى، تېز سۈرئەت بىلەن سانائەتلىشىش ۋە شەھەرلىشىش، خىتايدا سۇ ۋە تۇپراقنىڭ ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ھازىر خىتايدىكى چوڭ دەريالارنىڭ سۈيىنى ئىچكىلى بولمايدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرنى سۇغىرىشمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھەر يىلى 750 مىڭ ئادەم بۇلغانغان ھاۋادا زەھەرلىنىپ ئۆلۈۋاتىدۇ. فوربىس رېكورتىدا ئېيتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان 10 شەھەرنىڭ ھەممىسى خىتايدا. ئەگەر خىتاي 2020 - يىلىغىچە ھەر يىلى قايتا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشنى 15% ئازلىتىپ ماڭالىغان تەقدىردىمۇ، ھاۋانىڭ بۇلغىنىشىنى ئاران 20% تۆۋەنلىتەلەيدۇ. دېمەك خىتاي يەنىلا غەرب دۆلەتلىرىدەك مۇھىت ئاسرايدىغان دۆلەت بولالمايدىلا ئەمەس، بەلكى ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەت بەدەل تۆلەيدۇ.
خىتايدا يېشىل ئېنېرگىيە بولسىمۇ، ئەمما 10 چوڭ شىركەتنىڭ ھەممىسى يەنىلا كۆمۈر سەرپ قىلىدۇ
كرىستىنانىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئىچكى موڭغۇلىيىدە شامال ئېلېكتر ئىستانسىسى، تيەنجىندە قۇياش نۇرى ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇردى، تېخنىكىسى دۇنياۋى سەۋىيىگە يېتىدۇ. بەزى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى مۇشۇنى ماختاۋاتسا كېرەك. ئەمما خىتايدىكى بۇنداق يېشىل مەھسۇلاتلار پۈتۈن ئېلېكتر قۇۋۋىتىنىڭ ئاران 9% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى شۇكى، خىتاي بۇنداق ئېنېرگىيىنى ئۆزى سەرپ قىلمايدۇ، ئۇنى ئېكسپورت قىلىپ پايدا قازىنىشقا قوللىنىدۇ.
"غەربىي رايونلاردا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش پۈتۈنلەي خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن بولۇۋاتىدۇ"
ھالبۇكى، ھازىر خىتايدىكى 10 چوڭ ئېلېكتر شىركىتىنىڭ بىرىنىڭلا كەلگۈسىدىكى نىشانى يېشىل ئېنېرگىيە. ئەمما بۇ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر كۆمۈر سەرپ قىلىدۇ. چۈنكى، كۆمۈر ئەرزان، ئۇنى قېزىۋېلىش --- خىتايدىكى مۇستەبىت تۈزۈم شارائىتىدا ئەڭ قۇلايلىق. مەسىلەن، خىتاينىڭ ئۆزىدە يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش جەھەتتە مەلۇم چەكلىمە بار، ئەمما غەرب تەرەپتىكى رايونلاردا يەر ئاستى بايلىقلىرىنى قېزىۋېلىش پۈتۈنلەي خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىگە ئاساسەن بولۇۋاتىدۇ.