خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتى يەنىلا كۈچەيتىلمەكتە

خىتاي دائىرىلىرى نامرات ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى 2003 - يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. 2006 - يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار سانىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزۈپ كەلدى.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىچە تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسىتىنى ئۇيغۇر دېھقانلارنى باي قىلىش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش سىياسىتى دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىزلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇچرىغان تەقدىر ‏ - قىسمەتلىرى خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ ئەسلىنى ئاشكارىلىماقتا.

ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خىتايغا ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىشى - خىتاينىڭ سىياسىتى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتقىنىغا بەش يىل بولدى، مۇشۇ پىلان بىلەن ھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا، ناھىيىلىرىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىش باھانىسىدە يۆتكەلگەنلەر بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏ - قېتىمدىن ئېشىپ باردى،ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزكۇر خىزمەتكە مەسئۇل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ2007 - يىل ئاخىرى ئېلان قىلىشىچە،2007 - يىل 11 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏ - قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، بۇنىڭ 560مىڭى قەشقەر دىيارىدىن ئىكەن.

2007 - يىلىنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن 4000 نەپەر ئىشلەمچى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بىۋاستە يۆتكەلگەن بولۇپ، 2003 - يىلىدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت ‏ - كارخانىلارغا يۆتكىلىپ بارغان ئەمگەك كۈچلىرى ئىككى يۈز مىڭ ئادەمگە يەتكەن. بۇلار ئاساسەن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇ يېزىلىرىدىن يۆتكەپ كېتىلگەن بولۇپ ئاساسىي سالمىقىنى 18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرى ئىگىلەيدۇ.

بۇ سىياسەت ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ تەقدىرىنى قانداق ئۆزگەرتىدۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر سىياسەتنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان تارتىپ ھازىرغا قەدەر، بىر تەرەپتىن مەزكۇر سىياسەتنى ئىزچىل ھالدا كېڭەيتىپ داۋاملاشتۇرماقتا. شۇنداقلا ئالدىن بەلگىلەنگەن سانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن دەسلەپ ئىختىيارى، كېيىن مەخسۇس سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە، ئاخىرىدا ھەتتا مەجبۇرلاش ۋاستىلىرى بىلەن قوللاندى.بۇ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك دائىرىلەر ھەتتا بىر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەش، ھەر يىلى بىرنى يۆتكەش دېگەندەك يەرلىك سىياسەتلەرنى بېكىتىپ مەجبۇرى ئەمەلىلەشتۈرگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بېرىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىرىمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي ئۇلارنىڭ ھەر تەرەپتىكى ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە، تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلدى.

تەڭرىتاغ تورى 19 - ئاۋغۇستتىكى پەن - مائارىپ خەۋەرلىرىدىمۇ ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە تەشۋىقات خەۋىرى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر خەۋەردە قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيىسىدىن بولغان 19 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى ئايگۈلنىڭ، ئۈچ يىل بۇرۇن تىيەنجىندىكى مەلۇم ئاياق زاۋۇتىغا ئىشلەمچى بولۇپ بېرىشى بىلەن ھەر ئايدا ئىككى مىڭ يۈەن مائاشلىق بولۇپ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمىنى ئاشۇرغانلىقى، خىتاي تىلى ۋە باشقا جەھەتتە مەدەنىيەت كەسپى ساپالىرىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ پۈتۈن ناھىيىسىدىكى قىزلارنىڭ ھەۋەس قىلىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى يېزىلغان.

خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى نامرات ئۇيغۇر يېزىلىرىغا قاراتقان بۇ خىل يۆتكەپ ئىشقا ئومۇملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىتى ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينىماقتا ئىكەن.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەشۋىق بايانلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بىر ئايدىن بۇيان ئۇيغۇرچە بارلىق تور بەتلەردە " ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر پاھىشە قىزنىڭ كەچۈرمىشى" ناملىق ماقالە ئەڭ قىززىق مۇلاھىزە داۋاملىشىۋاتقان مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى.

ئىشلەمچىلىككە بېرىپ خىتايدا پاھىشىگە ئايلانغان قىز

ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك مۇنازىرە ئىنكاسلارنى قوزغىغان بۇ ماقالىدا ئەنە شۇ خىتاينىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى يۆتكەش سىياسىتى بىلەن قەشقەرنىڭ بەش كېرەم ناھىيىسى بويلا يېزىسىدىن "ھەربىر ئائىلىدىن بىرنى يۆتكەش" شەرتىگە توغرا كېلىپ قېلىپ، بىر تۈركۈم قىزلار بىلەن خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تىككۈچىلىك زاۋۇتىغا ئەۋەتىلگەن بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ خىتاي ئۆلكىسىدىكى قىسمەتلىرى يېزىلغان.

ماقالە ئاپتورى شەندۇڭغا بارغاندىن كېيىنكى ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، زاۋۇت باشلىقىنىڭ ئۆزىنى باشقا خىتايلارغا جىنسىي قۇل ئورنىدا ساتقانلىقىنى، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن پاك ئىپپىتىدىن، بارلىق ئۈمىد ئارزۇلىرىدىن ئايرىلغان، خىتاي ئۆلكىسىدە بىرمۇ يار يۆلىكى بولمىغان ساددا بۇ دېھقان قىزىنىڭ، نە قانۇنىي ئېڭى نە ئۆزىنى قوغداش ئېڭى بولمىغانلىقى، تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن چۈشكۈنلەشكەنلىكى سەۋەبلىك زاۋۇت باشلىقىنىڭ پىلانى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قەدەممۇ قەدەم پاھىشىلىك يولىغا ماڭغانلىقىنى يازىدۇ. ئۇ ماقالىدا يەنە بۇ 8 خىل قىسمەتكە قالغان پەقەت ئۆزى يالغۇزلا ئەمەسلىكى تەكىتلىگەن بولۇپ، " ئىككى ئۈچ كۈندە ماڭا داۋاملىق باشلىقنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خېرىدار كېلىپ تۇردى، ئۇلار بىردىنمۇ كېلىپ باقتى، ئىككى ئۈچى بىرلىكتە كېلىپ مېنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەرمۇ بولدى، بىلسەڭلار ناھايىتى ئازابلىق ئىدى، ئەلۋەتتە بۇنداق ئىش قىلىۋاتقان پەقەت مەن بىرلا قىز ئەمەس ئىدىم. بىر مۇنچە قىزلار ھەممىسى ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا بۇ يولغا كىرىپ قالدى، بىز كۈندۈزى قۇلدەك ئىشلىسەك، كېچىسى خېرىدار كۈتتۇق"... دەپ يازىدۇ.

بۇ قىز يەنە ئۆزىنىڭ بىر خىتاينىڭ قولىدىن يەنە بىرىنىڭ قولىغا بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە، پاھىشەخانىلاردىن يەنە مەيخانىلارغا ھەمراھلىققا، پاھىشىلىككە سېتىلغانلىقىنى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئالدىنىپ كەلگەنلىكىگە قانچىلىك پۇشمان قىلىۋاتقانلىقى ھەم ئۆكۈنىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

".... ھەرگىز ئىچكىرىگە كېلىپ قالماڭ"

ۋە ئاخىرىدا يەنە سەرگۈزەشتىلىرىنى يېزىشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ " ئاخىرىدا مەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى، ھەرگىز ئىچكىرىگە ئىش ئىزلەپ كەلمەك، ئەگەر پاھىشە بولغان تەقدىردىمۇ ئىچكىرىگە كەلمەك بۇ يەردىكى خېرىدارلار پاھىشىلەرنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدۇ، ھەر خىل ئۇسۇللاردا سىزنى قىينايدۇ. مەيلى قانداقلا سەۋەب بىلەن بولسۇن ھەرگىز ئىچكىرىگە كېلىپ قالماڭ" دەپ ئەندىشىلىك ئۆتۈنىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتىنىڭ رەزىل بىر تەدبىر ئىكەنلىكى، بۇ يولنىڭ ساددا دېھقانلار ئويلىغاندەك ئائىلە كىرىمى ئاشۇرىدىغان ۋە ياكى تەشۋىقاتتىكىدەك ھاللىق سەۋىيىگە يېتىپ ساپاسى ئۆرلەيدىغان يول بولماستىن ئۇيغۇرلارنى نابۇت قىلىدىغان، مەڭگۈلۈك خورلۇق ھەم ئازابقا دۇچار قىلىدىغان تۇيۇق يول ئىكەنلىكى ھەققىدە سىگنال ئىكەنلىكى تەھلىل قىلىنماقتا.

يەنە بەزىلەر، بۇ قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قايتىپ كەلگەن بەزى قىزلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش سىرىنىڭ يېشىلمىسى سۈپىتىدە مۇلاھىزە قىلغان.

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى شۇنداقلا باش پېرسوناژ بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقان بولساقمۇ ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى.

تەنقىد ھەم نارازىلىقلار ئىچىدە داۋاملىشىۋاتقان سىياسەت

ئەمما خىتاي ئۆلكىلىرىگە ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان زىيارەتلىرىمىزدىن شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردىن كەلگەن ئىنكاسلاردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە بارغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنىڭ قوغدالمايۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇپ تۇرماقتىمىز.

دەرۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىگە قارشى ئىنكاسلار ھەتتا كۇچادا نارازىلىق نامايىشلىرىمۇ بولۇپ ئۆتكەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا خەلقئارادىكى بىرقىسىم ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەربابلار خىتاينى مەزكۇر سىياسەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى داۋاملاشماقتا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانىدا 2010 يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار بىر مىليون بەش يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلمەكچى. ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن تۈركۈملەپ ئۇيغۇر قىزلىرى ناتونۇش خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنماقتا.

بۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يەنە قانداق تەقدىر قىسمەتلەرگە ئۇچرىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەشۋىشلىك سوئاللار پەيدا قىلىدۇ.