ساقچى: "بۇ تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان بىر دېلو بولغان"
بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر ۋەقە 2007 - يىلى ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە تەشكىللەنگەن بىر تۈركۈم قىزلار، پەيزىۋاتتىن ئۇزاپ يولغا چىقىش ئالدىدا، ئۆز سىڭلىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلىشىنى توغرا تاپمىغان نۇرگۈل تۇرغان، قىزلارنى تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل بىر ئايال كادىرىغا پىچاق تىقىۋەتكەن.
پەيزىۋات ناھىيىسى بازارلىق ساقچىخانىدىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچى بۇ ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ: "بۇ تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان بىر دېلو بولغان" دەيدۇ.
بازارلىق ساقچىخانىدىكى ساقچى خادىم، پىچاق تىققۇچ ئايال جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئەمما بۇ دېلونى جىنايى ئىشلار بۆلۈمىدىكىلەر ئىشلىگەن بولغاچقا جاۋابكارنىڭ قانچىلىك كېسىلگەنلىكىدىن خەۋىرى يوق ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.
نۇرگۈل سىڭلىسى نۇرسىمانگۈلنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلىشىگە قارشى چىققان
مەلۇم بولۇشىچە، نۇرگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسى: تۇرغان باۋۇدۇن بىلەن گۈلنىساخان، پەيزىۋات ناھىيىسى تېرىم يېزىسى چايانچاقتى كەنتىدە ياشايدىغان بولۇپ، لېكىن نۇرگۈل ئۆزى نەچچە يىللار ئىلگىرى باشلەنگەر كەنتىگە ياتلىق بولۇپ كەتكەن ئىكەن.
چايانچاقتى كەنتى سېكرىتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرگۈلنىڭ سىڭلىسى نۇرسىمانگۈل چايانچاقتى كەنتىدە ئاتان - ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۇرسىمانگۈلنى 2007 - يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ قاتارىغا تىزىملاپ، ناھىيە مەركىزىدىكى كەسپى تەربىيىلەش مەكتىپىگە ( يەنى كەسپى تولۇق ئوتتۇرىغا) ئېلىپ كەتكەن ھەمدە تيەنجىن شەھىرىگە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكچى بولغاندا نۇرگۈل بۇنىڭغا قارشى چىققان ئىكەن.
تېرىم يېزىسى يېزا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدىكى بىر خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز قىزىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشلەشكە تىزىملانغانلىقىدىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ئىنتايىن پەرىشان بولغانلىقىنى كۆرگەن نۇرگۈل يولدىشى قەشقەردىن سېتىۋالغان بىر پىچاقنى سومكىسىغا سېلىپ ناھىيىگە كىرىپ، "ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەش" ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خادىمغا تىقىۋەتكەن.
نۇرگۈل 4 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان
نۇرگۈلنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەش خادىمىغا نېمە ئۈچۈن پىچاق تىققانلىقى ھەققىدە توختالغان تېرىم يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرگۈل ساقچى دائىرىلىرىغا چۈشەندۈرۈپ ، ئۆزىنىڭ " ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئادەم توشۇش ئىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى تېگىپ قالارمىكىن" دېگەن مەقسەتتە مەزكۇر خادىمغا پىچاق تىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئايال كادىر پەيزىۋات ناھىيىسى بارىن يېزىسىدىن بولۇپ، تېرىم يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ئايال كادىرنىڭ ۋەقەدە ئېغىر يارىلانغانلىقىنى ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش ئارقىلىق ھاياتى خەۋپ ئاستىدىن قۇتۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
چايانچاقتى كەنتى سېكرىتارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئايالنىڭ بارلىق داۋالىنىش چىقىملىرىنى نۇرگۈل تۇرغۇن ئۈستىگە ئالغان ھەمدە 4 يىللىق قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغان.
2006 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇيغۇر قىزلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ - پۇشقاقلىرىغىچە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، بۇ سىياسەت قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ بۇنىسى ھەتتا مەزكۇر سىياسەتنى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ ھەم ۋىجدانى ھەم سىياسىي بېسىملار ئىچىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يېزا كادىرلىرىغىمۇ قاراڭغۇ.
