ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى 'سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش' كۈچەيتىلمەكچى

ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى يىغىن ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە،سىياسىي كېڭەش 10 ‏ - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - قېتىملىق يىغىنىدا، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قانچە ئەزاسى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر يېزا ‏ - كەنتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىش تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپىنى بەرگەن.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسىدا تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن يات بولغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە تۈركۈملەپ يۆتكەۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۇيغۇرلاردا قايتا غۇلغۇلا قوزغىماقتا. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تەييارلىغان پروگراممىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ۋەكىللەرنىڭ زۇۋانىدىن خىتاينىڭ غەرىزى ئاشكارا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9 - يانۋار كۈنى " ئايال ئەمگەك كۈچلىرىگە مەدەت بېرەيلى " دېگەن تېمىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان سىياسىي كېڭەش 10 ‏ - نۆۋەتلىك كومىتېتى 2 - قېتىملىق يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلەيسەم رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا ۋە قىشلاقلىرىدىكى ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىنى دېھقانلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەر خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سىياسىي كېڭەش ۋەكىلى دىلەيسەم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساپاسىنى ئۈستۈرۈش جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى،" دەپ ماختىغان.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2007 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەك كۈچى بىر مىليون 440 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ‏ - قىشلاقلاردىكى ئاياللار %80 نى ئىگىلەيدىكەن.

شۇنىڭغا قارىماي، دىلەيسە ئىسىملىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ئۇيغۇر ئېلىدە يېزا - قىشلاقلاردىكى ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتە ساقلىنىۋاتقان ۋە تەسىر قىلىۋاتقان مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا،ئۇ "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئىدىيىسى مۇتەئەسسىپ، كۆز قارىشى قالاق، ماھارەت جەھەتتە كەمچىل، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن " دەپ ھاقارەتلەپ،شۇڭا ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى ۋە ئىگىلىك تىكىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىماقتا، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ يېزا - قىشلاقلاردىكى بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ئائىلىدە نامرات ئۆتۈشنى خالاپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى خالىمايۋاتقان دېھقانلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىپ ئۇلارنى سىرتقا يۈزلىنىپ ئىش تېپىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك دېگەن.

دىلەيسەم يەنە، ھۆكۈمەتنىڭ ئايال ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى قانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ كۈچەيتكەندە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە مەسلىھەتلەرنىمۇ كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ " ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرىتقا چىقىشىنى دېھقانلارنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش، كەسپ ۋە تىل جەھەتتىكى تەربىيىلەش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش، ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئايال دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ شەھەرلەرگە كىرىشىنى راۋانلاشتۇرۇش... قاتارلىق بىر قاتار مەسلىھەتلەرنى كۆرسەتكەن.

گەرچە دىلەيسەم رىشت سىياسىي كېڭەش يىغىن مەيدانىدا مەزكۇر پىكىرلەرنى ئىككىلەنمەي ئوتتۇرىغا قويالىغان بولسىمۇ، ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز ئالدىدا تەمتىرەپ بىر ئېغىزمۇ چۈشەندۈرۈش بەرمەي تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ نىشانغا ئېلىندى

سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ۋاڭ جېڭرۇڭ ئىسىملىك يەنە بىر ۋەكىلمۇ مەزكۇر پىكىرگە ماسلاشقان ھالدا، ئوخشاشلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بېرىپ، " نۆۋەتتە بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغا كۆچۈش نىسبىتى تۆۋەن بولماقتا، بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياشلار ئىشسىز بولسىمۇ ئەمما ئۇلار دۆلەتنىڭ سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ياش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق بىكار ئولتۇرماقتا، ھۆكۈمەت مۇشۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك سىياسەت قوللىنىشى، ئۇلارنى ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەر بىلەن تەربىيىلەپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتەك ئىستراتېگىيىلىك پىلاننىڭ قەدىمىنى تېزلەشتۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىرىش ۋە سىرتلارغا يۆتكەيدىغان ئەمگەك كۈچلىرى ئىچىدە ئوغۇللارنىڭ نىسبىتىنىمۇ مۇۋاپىق ئاشۇرۇش كېرەك" دېگەندەك پىكىرلەرنى بەرگەن.

"ئۇيغۇر قىزلىرىنى قۇتقۇزغانلىق ئۇيغۇر ئانىلىرىنى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى قۇتقۇزغانلىق..."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان " ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش" سىياسىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر قىزلىرى ئىختىيارىي ۋە مەجبۇرىي ھالدا خىتاي زاۋۇت، كان، كارخانىلىرىدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇشقا مەجبۇر بولماقتا.

بۇ جەرياندا ئىشلەمچى سۈپىتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى، كىشىلىك ھەق ‏ - ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى تەرۇزگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مەلۇم بولغان بىر مەسىلىگە ئايلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپ قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەمدە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توي يېشىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئېتنىك رايونىدىن سىياسەت ئارقىلىق تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىشىنىڭ ئۆزىنىمۇ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك تازىلاشنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىماقتا.

بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ خىل تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى مەيلى قانداقلا مۇددىئادا يۈرگۈزگەن بولمىسۇن دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.

ھالبۇكى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدى ھەم گۇمانى سوئاللىرىغا ئۇچراۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى كۈچەيتىش تەكلىپىنىڭ بۇ قېتىملىق سىياسىي كېڭەش ۋەكىللىرى تەرىپىدىن يەنە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىككى يىغىن خەۋەرلىرىنى كۆزىتىۋاتقان ئۇيغۇرلاردا قايتىدىن غۇلغۇلا ۋە قارشى پىكىرلەرنى مەيدانغا چىقارماقتا.

بۇ مەسىلە ھەققىدە شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ماھىنۇر خانىم ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ئەپەندىلەر رادىئومىزدا ئوچۇق پىكىر بايان قىلدى.