ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ياشلارنى باشقا يۇرتلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش جىددىي داۋام قىلماقتا

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى، يىلدىن ‏ - يىلغا يېڭى تاكتىكا، ئوخشىمىغان ۋاستە ھەم ناملار بىلەن كۈچەيتىپ داۋام قىلدۇرماقتا، بىر قانچە يىلدىن بۇيان سىرتلارغا يۆتكىلىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچىنى يىلىغا بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

خىتاي، بۇ يىلدىن باشلاپ يەنە بۇ ساننى بىر يېرىم مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ناھىيە - يېزىلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۈچ يىلدا 330 مىڭ ئادەم قېتىم ...

خىتاي ھۆكۈمىتى 2005 - يىلىدىن تارتىپ ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بەش يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈپ، سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى "بىر يىلدا بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈش " نى بەلگىلەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى مەركەز قىلىپ يىلدا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن، قىزلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى سىياسەت دەپ تەرىپلەنگەن مەزكۈر سىياسەت 2007 - يىلى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ "بىر يىلدا بىر ئائىلىدىن بىرنى سىرتقا يۆتكەش" نىشانى بۇيىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

2007 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىدىكى پىلاندىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان بولۇپ، بىر مىليون 151مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 130مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى خىتاينىڭ تيەنجىن، شەندۇڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلىرىغا بىۋاستە يۆتكەلگەن. بۇلارنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر دېھقان قىزلىرى ئىگىلەيدۇ.

ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورىدىن ئىگە بولغان مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى ئۈچ يىلدا ئۆز يۇرتلىرىدىن سىرتلارغا يۆتكەلگەن يېزا ئەمگەك كۈچلىرى 3 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

بۇ يىلدىكى ئۈچ ئېشىش

خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008 ‏ - يىللىق ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىلا ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغان بولۇپ 949 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ،بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 443 مىڭ 900 يۈز ئادەم قېتىم كۆپەيگەن. بۇ يىلمۇ خىتاي ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر ياش ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشكە قاراتقان بولۇپ، ھازىرغىچە يۆتكەلگەنلەر 670 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى كەنت، بازار كارخانىلىرىغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەنلەر 90 مىڭدىن ئاشىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، " يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش خىزمىتىدە ئۈچ جەھەتتە ئېشىش كۆرۈلدى"دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا،بۇ يىل سان جەھەتتە ئېشىش، سۈرئەت جەھەتتە ئېشىش، نىسبەت جەھەتتە ئېشىش كۆرۈلگەن ئىكەن.

نىشانغا يېتىشتىكى سەككىز خىل قاتتىق تەدبىر

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن يەنىمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۇرتىدىن سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مۇنداق سەككىز خىل تەدبىرنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرغان.

يەنى بىرىنچىسى، ئادەم يۆتكەش سانىنى توشقۇزۇشقا ھەر ناھىيىدە،ناھىيە دەرىجىلىك كادىرنى مەسئۇل قىلىپ، مەخسۇس كادىرلاردىن رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ مەسئۇلىيەتنى يۈكلەش.

يەنى ئىگىلىشىمىزچە، جەنۇبتىكى ناھىيىلەردە ھەر بىر ناھىيىدە بىر پارتكوم سېكرىتارى باش بولۇپ توققۇز ‏ - ئون كىشىلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان بولۇپ، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر ناھىيىنىڭ مائارىپ ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىتتىپاق ياچېيكىسى، ئەمگەك مۇلازىمەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورگانلاردىن تاللاپ تەشكىللەنگەن ئىكەن. بۇلارنىڭ خىزمىتى پەقەت خىتاينىڭ يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى قاتلاممۇ ‏ - قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇپ، ئۇلارغا ۋەزىپە ئورۇنلىشىغا قاراپ مائاش ھەم مۇكاپات بەلگىلەنگەن.

ئىككىنچى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئۇچۇرىنى ئىگىلەشنى چىڭ تۇتۇش، بۇنىڭغا يېزا، كەنتلەردىكى ياشلار ئىتتىپاق،پارتىيە ياچېيكىلىرى، مەكتەپلەردىن بىۋاستە ئۇچۇر ئىگىلەش.

بۇنىڭدا خىتاي دائىرىلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلار يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغان ئوبېكتىلارنى ئاساسەن 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان قىزلار بولۇشى كېرەك دېگەن شەرت ئاستىدا تاللاپ، يېزا بۇيىچە، كەنت بۇيىچە، ئائىلە بۇيىچە ھەتتا سان توشمىغاندا مەكتەپلەردە تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن ياش ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلەپ خىتايغا بېرىپ ئىشلەمچى بولۇشقا كۆندۈرۈشكە ھەرىكەت قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، بەزى يېزىلاردا ئوقۇتقۇچىلارغا، كەنت باشلىقلىرىغا مەلۇم ساندا ئىشلەمچى قىز تېپىشنى ۋەزىپە قىلىش،توي يېشىدىكى قىز ‏ - يىگىتلەرگە ئىشلەمچىلىككە بارمىغىچە توي خەت كەسمەسلىك، قىزلىرىنى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتمىسە جەرىمانە قويۇش ۋە ياكى ھاشارغا ھەيدەشكە ئوخشاش مەجبۇرلاش ۋاستىلىرىنى قوللانغان.

خىتاي مەزكۈر سىياسىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا داۋام قىلىشتا يەنە، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىشنى يولغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتا بارلىق تەشۋىق ۋاستىلىرىنى ئىشلەتتى. تېلېۋىزىيىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى ھەققىدە ساختا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تېلېۋىزوردا تارقىتىش، مەخسۇس سەھىپىدە رادىئو، گېزىت، ژۇرناللاردا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بارغان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى،خىتايدا ناھايىتى ئەۋزەل شارائىتتا، ياخشى خىزمەت مۇھىتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تەشۋىق خەۋەرلىرىنى كۈچەيتكەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇت، كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر قىزلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئەمەلىيەتتە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر قىزلار خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلاردا، ئۇزۇن ئىش ۋاقتى، نامۇۋاپىق قاتتىق ئىش تۈزۈمى، ئادىل بولمىغان ئىش ھەققى، ھەم كەمسىتىش مۇئامىلىلىرىگە ئۇچراپ ھەر جەھەتتىن زور بەدەل تۆلەۋاتقان ئىكەن

بۇ، دۇنيا سەھنىسىگە چىققان نۇقتىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىرى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ھالدا يۈرگۈزگەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەش سىياسىتى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك ھوقوقىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىگە ئايلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ۋاستە، تەدبىرلىرىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزگەن بولۇپ جازالاشنىڭ ئورنىغا ئېتىبار بېرىپ رىغبەتلەندۈرۈش ۋاستىسىنى قوللانغان يەنى تۈرلۈك كەسپى تېخنىكا بۇيىچە قىسقا مەزگىللىك تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، يەنى بىر مىللەتنى ئېتنىك ياشاش شارائىتىدىن ئايرىپ تۈركۈملەپ يۆتكەش، ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ياتىدۇ دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەزكۈر سىياسىتىنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ بىر قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۆزلىكىدىن يۆتكىلىشكە رىغبەتلەندۈرگەندىن باشقا، يەرلىك كادىرلارغا ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ ساننى تولدۇرۇشتا ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش.

تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تۇراقلىق سىرتلارغا يۆتكىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىلىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش. ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش.

بۇ خىل تەدبىر ھەم ۋاستىلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان جەنۇبتىكى ناھىيە، يېزىلاردىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى سىرتلارغا تۈركۈملەپ يۆتكەپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۈر سىياسىتىنى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى دەپ تەرىپلەۋاتقان بولسا، نۆۋەتتە بۇ مەسىلە ئۇيغۇر مىللىي ھەم كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان رەھبىرى رابىيە قادىر مەزكۈر مەسىلىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان، ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان، سۈيىقەستلەر يوشۇرۇنغان سىياسىتى ئىكەنلىكىنى خەلقئارادا تونۇتۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ.

رابىيە خانىم باشچىلىقىدا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە نۇرغۇن ھۆججەتلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى ھازىرلىغان. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبەتلىرىدە مەزكۈر مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش، يەنى بىر مىللەتنى ئېتنىك ياشاش شارائىتىدىن ئايرىپ تۈركۈملەپ يۆتكەش، ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ياتىدۇ دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مەزكۈر سىياسىتىنى توختىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ بىر قانۇن لايىھىسى ئېلان قىلغان ئىدى.