رابىيە قادىر: "خىتاي ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەشنى قانچە جىددىيلەشتۈرسە ، ئەپت - بەشىرىسى شۇنچە تېز ئاشكارىلىنىدۇ "

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

0:00 / 0:00

بۇ ئەھۋال، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىگە قارشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى تۈركۈملەپ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەرزان ئىشلەمچىلىككە يۆتكىشىنى توسۇشتىن ئىبارەت دۇنيا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى شۇنچە كۈچلەندۈرمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.