غۇلجىدىكى "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي سىياسىي- مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى" مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن دەپ ئېلان قىلىنغان


2006.06.07

"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ 5 ‏- ئاينىڭ 31 ‏-كۈنى ئىلى كەچلىك گېزىتى" دىن ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، غۇلجا شەھرىدىكى "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي سىياسىي- مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى" دېگەن ئورۇن يېقىندا "مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن" دەپ ئېلان قىلىنغان. ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ھازىر بۇ ئورۇننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن جىددىي رېمونت قىلىشقا باشلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي خاتىرە مۇزېيى" ، "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ئىزلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئورنى" دېگەن ئورگانلارنىڭ يوللىغان دوكلاتىدا "ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي سىياسىي- مەدەنىيەت پائالىيەت مەركىزى" نى تىز رېمونت قىلىپ، ئۇنى خىتاينىڭ كىلاسسىك قىزىل ساياھەت نوقتىسىغا ئايلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئۇقۇش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ۋەلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدى ۋە ھازىر ئامېرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخچىسى دوكتور قاھار باراتنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىگىلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.