فرانسىيە ئاۋازى رادىئوسى 21-ئاۋغۇست خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئۇچۇرلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۆلەملىك تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ساداسى ئىچىدە، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە خىتاي-قازاقىستان چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىدىكەن. بۇ مەركەز، خىتاينىڭ تۇنجى قېتىم چەتئەل بىلەن قۇرۇپ چىققان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. بۇ رايوننىڭ تېررورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى يوق ئىكەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر سودا مەركىزىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 5.28 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قورغاس تەرەپتىكى يەر كۆلىمى 3.43 كۋادرات كىلومېتىر بولىدىكەن. بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئون چوڭ شىركەت 2 مىليارد ئويرۇ مەبلەغ سالىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ پۇقرالىرى بۇ چېگرا سودا مەركىزى رايونىدا 30 كۈن ۋىزىسىز تۇرالايدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ 2010-يىلىدىن باشلاپ، بىر تەرەپتىن پىلانلىق تۇغۇتنى چىڭ تۇتۇش، قوش تىللىق مائارىپنى يەسلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇش، ئىچكىرىگە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش سىياسەتلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن «ھالقىما تەرەققىيات» شوئارىنى كۈچەپ توۋلاپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئېقىپ كىرىشىگە يول ئاچماقتا. «18-ئىيۇل ناۋاغ ۋەقەسى» ھەمدە 30-31-ئىيۇل قەشقەر «يېڭى بازار ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشنى يۇقىرى چەكتە ئىجرا قىلىپ، خىتاي شىركەتلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا يەرلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ سىياسەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۈچلۈك قوراللىق بېسىم ئاستىدا يولغا قويۇپ كەلمەكتە. قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان سىياسەتلىرىدە جىددىي تەڭشەش ئېلىپ باردى. «ھالقىما تەرەققىيات» نىقابى ئاستىدا ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بەردى. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى سانائەت شىركەتلىرى، ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يول، تاش يول شىركەتلىرى ۋە زاۋۇت، كان-كارخانىلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا قورقماي مەبلەغ سېلىشقا تەشكىللىدى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ئىسيانچىلارنى قانۇن-پەرمانلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپلا ئېتىپ تاشلىيالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. خۇددى 18-ئىيۇل ناۋاغدا، 30-31-ئىيۇل قەشقەردە ئۇيغۇر پىدائىيلارنى ئېتىپ تاشلىغاندەك.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئاۋغۇست كۈنىدىن باشلاپ ئەڭ زامانىۋى قوراللىق قىسىم دەپ ئاتالغان «قار يىلپىزى» ئالاھىدە ئەترىتىنى ئاقسۇ شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇندىن ئىلگىرى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى باستۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۆتكەپ كەلگەن قوراللىق ساقچى قىسىمنى تېخى چېكىندۈرمىگەن ئىدى. بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا ساقچى، قوراللىق ساقچى ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئەترەتلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئۈچۈن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى. بەزى مەنبەلەردە، 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا كۆپ ساندا مۇنتىزىم ھەربىي قىسىم يۆتكىگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، زادى قانچىلىك ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئۈرۈمچى قاتارلىق ئاساسلىق چوڭ شەھەرلەرگە قانچە ئونمىڭلىغان كامېرالارنى يەرلەشتۈرگەنلىكى، 24 سائەت چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكى ئېنىق.
شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە يېزىلىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەربىي بۆلۈمىنىڭ 5-قۇرۇلتىيى 18-ئاۋغۇست كۈنى يېپىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ سېكرېتارى، سىياسىي كومىسسارى چې جۈن يىغىندا «بىڭتۇەندىن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى خەلق ئەسكەرلەر قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى قوغدايدىغان قۇدرەتلىك كۈچ بەرپا قىلىش پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. شىنجاڭ گېزىتىنىڭ يەنە شۇ 19-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي 8-ئاينىڭ 17-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىگە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۈشكە بېرىپ، ئۇ يەردىكى بۆلگۈنچىلىككە، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشقا ئائىت كۆرگەزمىلەرنى كۆرگەن، ج خ نازارىتىنىڭ قوماندانلىق باش شتابى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ كەسكىنلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكىنى تولۇق تونۇپ، تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، بىپەرۋالىق ۋە بوشاڭلىق قىلماي، مۇقىملىقنى ساقلاشنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇش كېرەك.»
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھۆكۈمرانى جاڭ چۈنشيەن ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان چوڭ سانائەت شىركەتلىرى ۋە سودا شىركەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولماقتا. بۇنداق مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈرۈمچىگە ھەر كۈنى قانچىلاپ كېلىپ تۇرماقتا. جاڭ چۈنشيەن ئۇلارنى خەلققە «شىنجاڭ ئۈچۈن بەخت ياراتقۇچىلار» دەپ تونۇشتۇرماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئەمىنلىكنى ساقلاپ تۇرۇشقا ئۈندەپ، «ھالقىما تەرەققىيات»تىن بارلىققا كەلگۈسى مۆجىزىلەرگە خەلقىنى تەشنا قىلماقتا. بىراق، بۇ «ھالقىما تەرەققىيات» دېگىنى ئەنسىزلىككە پاتقان جەمئىيەتتە، ھەربىي ھالەت ئاستىدىكى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە باستۇرۇش ئاستىدا داۋام قىلماقتا.