بۇ رايونلار قاچاندىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېررىتورىيىسىدىن چىقىپ كەتكەن؟ نېمە سەۋەبتىن چىقىپ كەتكەن؟ بۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىچە قاراڭغۇ مەسىلە بولسىمۇ، بەزى تارىخ كىتابلىرىدا بۇنىڭ جەريانى تولۇق بايان قىلىنغان.
تارىخىي ئەسەرلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تېررىتورىيىسىدىن بۆلۈۋېتىلىشى، 1865 - يىلى ئىلى ۋىلايىتىدە قۇرۇلغان ئىلى ئۇيغۇر سۇلتانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى
"ئۇيغۇرنامە" ناملىق تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاپتورى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرى مەزكۇر ئەسىرىدە ئىلى سۇلتانلىقى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: " جەنۇبىي ئۇيغۇرىستاندىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىنىڭ تەسىرى ۋە ئىلھامى بىلەن 1864 - يىلى غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ئىلى ۋىلايىتىدىمۇ مانجۇلارنىڭ مىللىي زۇلۇمىغا قارشى مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭى باشلىنىپ كەتتى .... ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئاۋۋال غۇلجا شەھىرى بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى دۈشمەنلەردىن ئازاد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ھاكىمىيىتىنى تىكلىدى. پارتىزان ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، مىللىي قوشۇننى قۇرۇپ چىقتى. 8 ئايلىق قورشاۋدىن كېيىن، 1865 - يىلى يازدا بايانداي قورغىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن 1866 - يىلى يىلى كۈرە قورغىنى ئېلىنىپ، ئىلى ۋىلايىتىدە مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
بايانداي قورغىنىنى ئېلىشتا سادىر پالۋان، كۈرە قورغىنىنى ئېلىشتا ئەلا پالۋان ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىدى. ئاندىن ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. ئارىدا بىر قانچە سۇلتان ئالمىشىپ، 1867 - يىلى ئىلى خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئەلا پالۋان بۇ دۆلەتنىڭ سۇلتانى بولۇپ سايلاندى. سۇلتانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتىن قارا شەھەر داۋىنىدىن، غەربتە يەتتىسۇغىچە، جەنۇبتا تەڭرى تېغىنىڭ مۇز داۋىنىدىن، شىمالدا جۇڭغار تېغىغىچە سوزۇلغان بولۇپ پۈتۈن ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى."
ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى
سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: "مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىكى قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئىلى ئۆلكىسىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئامالسىز قالغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن يەنە بىر ئىمپېرىئالىست چار رۇسىيىگە ئىلتىماس قىلىپ، ئىلى ئۆلكىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ بېرىشىنى سورىدى. مانجۇ خانى گۇئاڭشۈ 1870 - يىلى رۇسىيە پادىشاھلىقىغا بىر مەكتۇپ يېزىپ بۇ ئىلتىماسنى يەتكۈزدى. رۇسىيە بىلەن مانجۇ ئىككى ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇزاققا سوزۇلغان سودىلىشىشلاردىن كېيىن رۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئىلى ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىشنى ماقۇل كۆردى. ئەسلىدە رۇسلار ئىلىغا خېلى بۇرۇنلا كۆز تىككەن بولسىمۇ، رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بىر ماددىسىدا: "ئەنگلىيە ئافغانىستانغا قول سالماسلىق، رۇسىيە ئۇيغۇرىستانغا قول سالماسلىق" مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغانلىقتىن، رۇسىيە ئىلى ئۆلكىسىنى بېسىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. مانا ئەمدى، مانجۇ ئىمپېرىيىسى رەسمىي تەلەپ قىلغان ئىدى. ئىلى سۇلتانلىقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا يەنە بىر باھانىمۇ تېپىلدى. ئۇ بولسىمۇ ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ رۇسلاردىن قېچىپ، ئىلى سۇلتانلىقىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن قازاق قەبىلىلىرىگە ئورۇن بەرگەنلىكى ئىدى. رۇسىيىسىنىڭ يەتتىسۇدىكى گۇبېرناتورى، گېنېرال مايور كولپاكوۋسكى ئىلى سۇلتانلىقىغا مەكتۇپ يوللاپ، رۇسىيە تېررىتورىيىسىدىن ئىلى سۇلتانلىقىغا قېچىپ بارغان توپىلاڭچىلارنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ جاۋابى: "دۆلىتىم ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قازاق قېرىنداشلىرىنى تۇتۇپ، سىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدۇ" دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئىدى.... شۇنداق قىلىپ رۇسىيىنىڭ يەتتىسۇدىكى گۇبېرناتورى 1871 - يىلى ئىلىغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ ئىلى سۇلتانلىقىنى پۈتۈنلەي بېسىۋالدى. ئەلاخان سۇلتاننى بولسا، ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ، رۇسىيە تەۋەسىدىكى يەتتىسۇنىڭ مەركىزى ۋېرنىي ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرىگە سۈرگۈن قىلدى."
قورغاسنىڭ غەربىدىكى رايونلارنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە ئۆتىشى
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئۇيغۇرى مەزكۇر ئەسىرىدە يەنە مۇنداق دەپ يازغان: " رۇسلار ئىلى ئۆلكىسىنى 10 يىل تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، 1881 - يىلى24 - فېۋرالدا پۈتۈلگەن "سانكتپېتېربۇرگ شەرتنامىسى" بويىچە مانجۇلارغا قايتۇرۇپ بەردى. بىراق شەرتنامە بويىچە، سۇلتانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 500 كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى رۇسىيە كېسىۋالدى. ئىلىنى ئېلىپ بەرگەنلىك خىزمىتى ئۈچۈن مانجۇلاردىن 9 مىليون سەر كۈمۈش پۇل تۆلىتىۋالدى، ئۇيغۇرلار يەنە قايتىدىن مانجۇلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا قالدى."
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.