ساقچىلار قورغاس ناھىيىسىدىكى 23 ‏ - ماي ساقچىخانا ۋەقەسىنى " ئامانلىق دېلوسى" دەپ تەرىپلىدى

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيىسىدە يەرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قورغاستىكى بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ھەم ۋەقەگە چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان گۇماندار ياشلار قولغا ئېلىنغان.

0:00 / 0:00

ۋەقە يۈز بەرگەن ساقچىخانىدىكى دائىرىلەر رادىئومىزغا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ "بىر ئامانلىق دېلوسى " ئىكەنلىكى، سىياسىي غەرەزلىك ۋەقە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما يەرلىك پۇقرالار "ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى "دىن كېيىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

"ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن تىركىشىش ۋەقەسى"

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ناھىيە تەۋەسىدىكى سەنگۇڭ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى23 ‏ - ماي كۈنى سائەت 4:30 لار ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر 23" - ماي دېلوسى،" دەپ نام بەرگەن ۋەقە يەرلىك ئۇيغۇر ياشلارنىڭ سەنگۇڭ ساقچىخانا قوراسىغا بېنزىن قاچىلانغان بوتۇلكا ئېتىش، ئاز دېگەندە ساقچىخانا قورۇسىدىكى بىر ساقچى بولكىۋاي ماشىنىسىنىڭ قىسمەن كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇش ۋەقەسى ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەنگۇڭدىكى ۋەقەنى يەرلىك ياشلار ساقچىلارنىڭ بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلارنى سەۋەبسىز يىغىۋېلىشىغا نارازى بولۇپ، يىغىلىش ئۆتكۈزگەندە يۈز بەرگەن "ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساقچىلار بىلەن تىركىشىش ۋەقەسى" دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ساقچىخانىغا بېنزىن بوتۇلكىسى ۋە تاش ئاتقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ ئاز دېگەندە ئون نەچچە يەرلىك ياشنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن سەنگۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ جاڭ پەمىلىلىك باشلىقى مۇخبىرىمىزغا بەرگەن باياناتىدا ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى ئىشلارنىڭ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ۋەقەنىڭ سىياسى مەقسەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى رەت قىلدى.

" تۇتۇلغانلار ساقچىخانا خىزمىتىدىن نارازى بولغان كىشىلەر"

مۇخبىرىمىزغا تېلېفون زىيارىتىدە ۋەقەنى" بۇ ئادەتتىكى بىر ئامانلىق دېلوسى " دەپ تەكىتلىگەن سەنگۇڭ ساقچىخانىسىنىڭ جاڭ باشلىقى، بۇ سۆزلەرنى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ بۇ ئىشنى قىلىشتىكى سىياسىي مەقسىتىگە دائىر سۇئالىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا تەكىتلەيدۇ. ئۇ، ھازىرغا قەدەر 2 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى، بىرىنىڭ ئۇيغۇر، يەنە بىر كىشىنىڭ قازاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قولغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسمى ھەم يېشىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى. بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكىتى سىياسىي مەقسەتلىك بولمىسا، ئۇلارنىڭ ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىشىغا زادى نېمە سەۋەبچى بولدى؟ جاڭ پەمىلىلىك ساقچى باشلىقى ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ "ساقچىخانا خىزمىتىدىن نارازى بولغان كىشىلەر" ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ساقچى باشلىقى مۇنداق دەيدۇ،" ئۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى كۈندىلىك خىزمىتىمىزدىن نارازى بولغان. بۇ دېلو تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى...... بىز دائىم بۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ خاراكتېرى سەۋەبىدىن ئۇلار بىزدىن ناھايىتى نارازى. ئۇلار خىزمىتىمىزدىكى بەزى مەسىلىلەر.... يەنى بىزنى خىزمەت جەريانىدا ئۇنداق قىلماسلىقى كېرەك - مۇنداق قىلماسلىقى كېرەك دەپ تۇرىدۇ. سىزمۇ بىلىسىز، بىز قانۇننى ئىجرا قىلغۇچىلار قانۇن بۇيىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك". ساقچىخانىنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدىكى زادى قايسى مەسىلىلەر بۇ كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا ئىدى؟ ساقچىخانا باشلىقى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي تىلغا ئالمىدى، لېكىن ئۇ " نارازىلىقنى قوزغىغان ئىشلار شۇ كۈندىلىك خىزمەتتىكى مەسىلىلەر. بۇ ئىش ئادەتتىكى بىر ئامانلىق دېلوسى. ئەگەر ئۇ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش بولغان بولسا بۇنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولاتتى " دەيدۇ.

ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەر رايوندا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان

لېكىن، ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ئورگان ئەپكارى "ئىلى كەچلىك گېزىتى"نىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى خەۋىرىدە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەقەگە ناھايىتى جىددىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ج خ ئىدارە باشلىقى خې شىنچۈن باشچىلىقىدا 23 ‏ - ماي دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، دېلونىڭ تېز ئارىدا پاش قىلىنغانلىقى، "ئا" ۋە " ت " ئىسىملىك 2 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قولغا ئېلىنغان 2 كىشىنىڭ بىرى، ئاسىمجان ياسىن ئىسىملىك ياش بولۇپ، مەزكۇر ياش بۇ يېزىدىكى بىر كەنت باشلىقىنىڭ جىيەنى ئىدى. قورغاس ناھىيىسىدىكى بىر خانىم، قولغا ئېلىنغان يەنە بىر بالىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سەنگۇڭ ساقچىخانىسىدىكى ۋەقەدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ شۇ رايوندا كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى،"نەچچە ئونلىغان ياشلار"نىڭ يىغىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. قورغاس ناھىيىسىدىكى يۇقىرىقى خانىم، ساقچىلارنىڭ بەزى ئائىلىلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاسىمجان ياسىننىڭ كەنت باشلىقى تاغىسىنىڭ ئۆيى ئاختۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

" يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە خىلاپ"

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، سەنگۇڭدىكى ۋەقەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى باھانە قىلىپ، رايوندا قانات يايدۇرغان بىگۇناھ كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاۋاتقانلىقىنىڭ بىر مىسالى، دەپ كۆرسەتمەكتە. رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە سەۋەبسىز ۋە قانۇنسىز ‏ - رەسمىيەتسىز ئادەم تۇتۇش بىلەن ئەيىبلىگەن دىلشات رىشىت، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاي قانۇنلىرىنىڭ ئۆزىگە خىلاپ، دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى 6‏ - ئاينىڭ 25 ‏ - كۈنىدىن 27 ‏ - كۈنىگە قەدەر ئۇيغۇر ئىلىدىكى قەشقەر، شىخەنزە، ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدە يەتكۈزىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، مەشئەلنىڭ بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.