خىتاينىڭ قوش-تىل مائارىپ سىياسىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىزاھاتى

ئاپتونوم رايونلۇق «قوش تىل» ئوقۇتۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى توغرىسىدا ئىزاھات» قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپلا قالماي، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك رەددىيە بېرىشىگە دۇچ كەلدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدىكى ئىزاھاتىغا ئەكسىچە ئىزاھاتلار بەردى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.