قوش تىل مائارىپى ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر (2)
2013.01.15

مۇخبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ئارخىپلىرى ئاساسىدا تەييارلىغان «قوش تىل مائارىپى ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر» ناملىق پروگراممىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدىن، «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» نىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى ۋە ناتوغرا بولغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ «مائارىپتا ئانا تىلنى ئاساس قىلىش» ئۇيغۇرلاردا ئەڭ تەقەززالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلشۇناس، ئالىملىرى شۇنداق ئاگاھلاندۇردىكى «ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سانىدىكى ئەۋزەللىكىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى قىلىۋېلىشىغا بولمايدۇ.»
ئالىملارنىڭ بۇ قاراشقا كېلىشىنىڭ سەۋەبى بار. چۈنكى 2010-يىلى ئامېرىكا ئورگان ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان خەۋپتە قالغان تىللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلىمۇ خەلقئارادىكى خەۋپتە قالغان تىلنىڭ بىرى قاتارىدا ئارخىپقا ئېلىندى.
بىر تىلنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل شۇ تىلنىڭ مائارىپ ۋە ھاكىمىيەتتە قوللىنىلىشى.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۈگۈنكى ھالغا كېلىشىدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى يەنى قوش تىل مائارىپ سىياسىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلاد تەربىيىسىدە نۆۋەتتە يەسلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىدا مائارىپ قوبۇل قىلىشى.
ئەلۋەتتە بىر تىلنى ئارتۇق ئىگىلەش، بىر ئىقتىدار يېتىلدۈرگەنلىك، ئەمما ھەر قانداق بىر تىلنى ئۆگىنىش ئاۋۋال ئۆز ئانا تىلىغا پىششىق بولۇشنى شەرت قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلىلەردىن تارتىپ ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە يولغا قويۇلۇۋاتقان پەقەت تىل ئەدەبىيات دەرستىن باشقا دەرسنىڭ ھەممىسىنى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشتەك، قوش تىل دېگەن مائارىپ ئەندىزىسىگىمۇ توغرا كەلمەيۋاتقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىغىمۇ پىششىق ئەمەس، خىتاي تىلىغىمۇ پىششىق ئەمەس قىلىپ يېتىلدۈرمەكتە. بۇ ئاتا، ئانىلارنى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى بىردەك ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلىدۇر.
ئاتۇشتىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر بالىلارغا ئۆز ئانا تىلىدا ئەمەس، خىتاي تىلىدا دەرس سۆزلەشنىڭ ئۆزىگىمۇ، بالىلارغىمۇ بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئاقسۇدىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلىدىغانلىقىنى ئازاب بىلەن ئىپادىلىگەن ئىدى.
قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا تىل ئۆگەتكىنى بىلەن ئىقتىدار ئۆگىتەلمەيدىغانلىقى، ھەر بىر خىتايچە تەربىيىلەنگەن ئۇيغۇر پەرزەنتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ئېنىق مىساللار بىلەن ھەر بىر ئاتا، ئانىغا، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىغا، ھەر بىر ئۇيغۇرغا ئايان بولماقتا. قوش تىل مائارىپى خۇشال سەبىي بالىلارنى خىيالچان، ئىزتىراپ بالىلارغا ئايلاندۇرماقتا.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇغان بىر ئۇيغۇر ياش، ئۆزىنىڭ ھەتتا ئۇيغۇرچە چۈشمۇ كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىي ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ ئىزچىل نارازىلىقى ھەم تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان ناھەق سىياسەتلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گېرمانىيىدىكى پەرھات يۇرۇڭقاش ۋە ئامېرىكىدىكى مەمەت توختى ئەپەندىلەر، خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ئاپتونومىيە قانۇنىنى دەپسەندە قىلغاندىن باشقا، ئۆزى ئىمزا قويغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەت ۋە مەدەنىيەتلىرىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىملەرگىمۇ خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل قانۇنسىز سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىق جىنايىتى دەپ تەنقىد قىلىدۇ.