"قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ئۇيغۇر ئېلى مىللىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 6-ئوتتۇرا خىتاي مەكتىپىگە مەجبۇرىي قوشۇۋېتىلىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتىنى يەنە بىر قېتىم پاش قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ پىكىر-دەلىللىرى ئىسپاتلىماقتا.

شۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن، رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىيون قەھرىمان غوجامبەردى ۋە تىلشۇناس ئالىم، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى رۇسلان ئارزىيېفلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.