خىتاي قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە بىر قەدەم چېكىندىمۇ؟

خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش ياساپ، مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغىمۇ ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش توغرىلىق بىر قاتار قارارلارنى ئالغان.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يىللاردىن بۇيان كۈچەيتىپ داۋام قىلغان «قوش تىل مائارىپى» دا، خىتاي تىلى بىلەن ئانا تىلىغا ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىلمەي، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىرلا تىلدا ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەندىزە شەكىللىنىپ، بارلىق پەننىي دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا سەل قارايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈنۈۋاتقان پسىخىكا يېتىلىشىدىكى بىنورماللىق، تەپەككۇرىدىكى كەينىگە چېكىنىش ۋە ئوقۇش نەتىجىسىدىكى غايەت زور پەرقلەر ئوقۇتقۇچىلار، ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە ئاتا-ئانىلاردا ئەندىشە ھەمدە نارازىلىق پىكرى قوزغىغان ئىدى. يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىدىكى پوزىتسىيىدە ئۆزگىرىش ياساپ، مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىل ئوقۇتۇشىغىمۇ ئوخشاش ئەھمىيەت بېرىش، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇشىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش توغرىلىق بىر قاتار قارارلارنى ئالغان.

17-ئاۋغۇست تەڭرىتاغ تورى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قوش تىل» مائارىپى دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى باشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قوش تىل دەرسلىكلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قاتناشقان ئىككى يۈزگە يېقىن مۇتەخەسسىس، پروفېسسور، ئوقۇتقۇچىلار تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە دەرسلىكىنىڭ قىيىن-ئاسانلىق دەرىجىسى، خەنزۇچە دەرسلىكلەر بىلەن ئانا تىل دەرسلىكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، توغرا تەڭشەپ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇش بىلەن ئانا تىلىدا ئوقۇتۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى دەرسلىك مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق پرىنسىپلار بويىچە ئىش باشلىغان.

ئىنساننىڭ ئىنسانىي نورمال پسىخىكىسى، تەپەككۇرى ئۆز ئانا تىلى ئاساسىدا شەكىللىنىدۇ، ئۆز ئانا تىلى سەۋىيىسىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغان شارائىتتا، باشقا نەرسىنى ئۆگىتىش-بىلدۈرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپىدا ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي يەكۈنگە خىلاپ ھالدا ئون نەچچە يىل مابەينىدە قوللىنىۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى باشلانغۇچ مەكتەپ-1 يىللىقتىن باشلاپلا خىتاي تىلىدا دەرس ئوقۇيدىغان 3-4-سىنىپلارغا چىقمىغۇچە ئانا تىلى بىلەنمۇ تونۇشالمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى، خىتاي يەنە ئۇيغۇر بالىلىرىنى تىلى چىقماستىلا ئۇلارغا ئەڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى خىتايچە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن باغچە مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا زور كۈچ چىقىرىۋاتقان ئىدى. يەنى قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇر مائارىپنىڭ يىلتىزىغىچە خىتايلاشتۇرۇلغان ئىدى.

يېقىندا ئاقسۇ، كۇچا، توقسۇن قاتارلىق جايلاردىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىستانسىمىزغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل دەرسلىكلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتقانلىقى بىلەن تەڭ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگىمۇ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم. يەنى ئۇلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىگە بىر قىسىم ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەنمىش. بۇنىڭدىن خەۋەردار ئوقۇتقۇچىلار، ئانا تىلمۇ يىغلىمايدىغان، خىتاي تىلىمۇ ئۆزىنىڭ ئىجابىي ئورنىنى تاپىدىغان ھەقىقىي يوسۇندىكى قوش تىل مائارىپى شەكىللىنىشتىن ئۈمىدلەنگەن.

ئىنكاس قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايانىغا قارىغاندا، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتايچە ئۆتىلىۋاتقان سىياسەت ۋە تارىخ دەرسى ئۇيغۇرچىغا قايتىپ كەلگەن.

ئىلگىرى دەرسخانىدا ئۇيغۇرچە سۆزلەپ سالغان ئوقۇتقۇچىلار لاياقەتسىز بولۇپ، جازاغا ئۇچرىغان بولسا ئەمدى، ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىگەندە لاياقەتسىز سانىلىدىكەن.

ئادەتتىكى سىنىپلار كېلەر ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ ھەممىسى يوقايدۇ، قوش تىل سىنىپلىرىغا ئۆزگەرتىلىدۇ دېگەن ئۇقتۇرۇش. بۇ يىل «7 سىنىپتىن بىرى قوش تىل قالغانلىرى ھەممىسى ئادەتتىكى سىنىپ بولىدۇ» غا ئۆزگەرتىلگەن.

بۇ ھەقتە بەزى مائارىپ تور بەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بەزى تور يازارلىرىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس قوش تىل مائارىپى ھەققىدە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىسىدىن بىرمۇ بالا قولىدىكى كىتابتىن بىر ئابزاس ئوقىيالمىغانمىش. ئەمما دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىدىن ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى سورىسا ماختاپ كېڭەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەنمىش.

يەنە بەزى جايدا بالىلار تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئەمەلدارنىڭ ئوقۇتۇلۇۋاتقان سىياسەت ۋە تارىخ دەرسلىرىدىن سورىغان سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىگەن. يەنە بەزى جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان 3-يىللىقلاردىن ساۋاتىنى سىناش ئىمتىھانىدا بىر سىنىپتىن بىر بالىمۇ ئۆتەلمىگەن ئەھۋاللار كۆرۈنگەنمىش....ۋاھاكازالار.... تەكشۈرۈشكە كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇشىغا سەۋەب بولغانمىش.

ئۇيغۇرلار مۇنازىرە تورلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈۋاتقانلىقى، ئىلگىرىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ خاتا بولغانلىقى، تەدبىرىنىڭ ئىلمىي بولمىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى، بۇ بىر ياخشى بۇرۇلۇش دېگەندەك باھالارنى بېرىپ ئۈمىدلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يىللاردىن بۇيان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى يوقىتىپ ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش دەپ تەنقىد يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىكى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، بۇنىڭدىن ئالدىراپ خوش بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى، يىللاردىن بېرى قوش تىل مائارىپىدا رەھىمسىزلەرچە تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشلەردىن يەنە قانچىلىك چوڭقۇر زەربە يەيدۇ، ھازىر بۇنىڭغا باھا بېرىش بالدۇر دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېلشات ئەپەندى يەنە، ئەگەردە بۇنى خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىدە بىر قەدەم چېكىنگىنى دەپ چۈشەنگەندە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ 5-ئىيۇلدا ۋە ئۇنىڭ ئالدى-كەينىدە مىسلىسىز ئېلىپ بارغان ھەر خىل شەكىلدىكى مىللىي كىملىكىنى قوغداپ قېلىش كۈرەشلىرى ھەم قانلىق بەدەللىرىنىڭ نەتىجىسىدىن دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ قوش تىل مائارىپىدىكى كىچىككىنە شەكىل ئۆزگىرىشىنىڭ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.