مەمەت توختى: ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقىنى قوغداش مەسىلىسى ئەڭ ئاۋۋال بىر قانۇنىي مەسىلە بولۇپ تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان قوش تىل مائارىپ تەدبىرلىرى مائارىپ ئىلمىگە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىش.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012.08.30
qosh-til-doska قوش تىللىق مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوسكىغا چىقىپ خەت يېزىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر، خوتەن.
AFP

ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپ ھەتتا يەسلى مائارىپىدىن باشلاپلا خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش قېلىپىدىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ۋە مەۋجۇتلۇقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىدى، ئەمما قوش تىل مائارىپىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بالىلىرىدا كۆرۈلۈۋاتقان ئانا تىل ۋە خىتاي تىلىدا ئوخشاشلا ساۋاتسىزلىق، تەپەككۇرى، پسىخىكىسىدىكى نورمالسىزلىقلار ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلارنى ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇلار خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە، خىتاي تىلىدىن ساۋاتىنى چىقىرىشقا قارشى ئەمەس، ئەكسىچە بىلىم خۇمار، تىل ئۆگىنىشكە ماھىر بولغان ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىنىڭ كۆپ تىللىق ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بولۇشىنى خالايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، ئۇيغۇرلارغا قوللىنىلىۋاتقان ھازىرقى بۇ قوش تىل مائارىپ تەدبىرلىرى مائارىپ ئىلمىگە، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىغا، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ۋە خەلقئارادىكى مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ بولغان بىر ھەقىقەت.

«ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە، دىنىغا، ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. ئۇلارنى خەنزۇ يېزىقى ۋە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە زورلىمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ تىل يېزىقى بىلەن راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك»

بۇ بايانلار قانداقتۇر بىر ئۇيغۇر داھىي ياكى ئەدىب ۋە ياكى بىر قانۇنچى تەرىپىدىن دېيىلگەن سۆز بولماستىن، خىتاي كومپارتىيە داھىيسى ماۋ زېدۇڭنىڭ 1953-يىلى سېنتەبىردە خىتاي كومپارتىيىسى 6-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن 6-ئومۇمىي يىغىنىدىكى دوكلاتىدىن ئۈزۈندىلەردۇر.

ئۆزىنى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت، دەپ ھېسابلاۋاتقان خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىمۇ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تىل، يېزىقىنى راۋاجلاندۇرۇش ھوقۇقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ قانۇنلاشقان ئىپادىلىرىنى تاپالايمىز، بولار يەنە خىتاينىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىدىمۇ ئېنىق بېكىتىلگەن. ھالبۇكى ھازىر قارايدىغان بولساق، بۇ قانۇنلار كۈچكە ئىگە بولمىغانلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، يېزىقى، دىنىي ئېتىقادى ھەتتا كىيىم-كىچىكىدىن تارتىپ كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.

بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي مەمەت توختى ئەپەندى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ھوقۇقىنى قوغداشتا خىتاينىڭ تۈزگەن ئاپتونومىيە قانۇنى، خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىن باشقا يەنە، خىتاي قول قويغان خەلقئارالىق شەرتنامىلەرمۇ بار. شۇڭا بۇ مەسىلە بىر مىللىي مەسىلە، سىياسىي مەسىلە، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇھىمى بىر قانۇنىي مەسىلە دەپ كۆرسىتىدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى سابىق ئالاقىلەشكۈچىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەمەت توختى ئەپەندى ئىلگىرى 2007-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغان شۇنداقلا خىتاي قول قويغان «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش شەرتنامىسى» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىگە قويۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭ تولۇق مەزمۇنى بىلەن تونۇشۇشقا مۇيەسسەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.