قوش تىللىق يەسلىلەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشسىز قالدۇردى

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇۋاتقان «قوش تىللىق يەسلىلەر» يەسلى ھەم باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئاساس قىلغان، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئەدەبىيات ھەم ماتېماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشسىز قالدۇرماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدا خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى، ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپ ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتقان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، كەسپى تېخنىكوم، پېداگوگىكا مەكتەپلىرى ھەتتا ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىمۇ ئىشسىز قالدۇرماقتا.

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەم يەسلىلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەپ بېرىشنى ئاساس قىلغان پېداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن بىرەيلەن، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتاي تىلى مەكتەپلىرى ھەم يەسلىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئەدەبىيات ھەم ماتېماتىكا قاتارلىق ئاساسى پەن كەسپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىشسىزلىق گىردابىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئوقۇتقۇچى، ئۆز بايانىدا قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازايغانلىقى سەۋەبلىك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس سائەتلىرىنىڭمۇ قىسقارتىلىپ، دەرسى بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى يۈگۈر-يېتىم ئىشلىرىغا قويۇلغانلىقىنى، بۇ خىل ئىشلارنى قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ بولسا ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 19-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلۇۋاتقان قوش تىللىق يەسلىلەر 1470 كە يەتكەن. بۇ يەسلىلەرنىڭ ئىچىدە 66% نىڭ قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى يەسلىلەرنىڭ 85% نى ئىگىلىگەن.

مەلۇم پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، گەرچە مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى مەنبەسى كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل سىنىپلارغا ئۆتىلىدىغان دەرسلەر پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈش تەلەپ قىلىنغىنى ئۈچۈن، يەسلى پېداگوگىكا مەكتىپىنىڭ بالىلار يەسلى مائارىپىدا كۆزگە كۆرۈنگەن زامانىدىن پاكزات قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس ئورۇنلاشتۇرۇلماي ئۇلار ئىشسىزلىق گىردابىدا قالغان.

مائارىپنىڭ ئاساسى ھۈلى بولغان يەسلى مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇشى سەۋەبلىك، گۆدەكلەرگە ئانا تىل ھەم مەدەنىيەت تەربىيىسىدە ھۈل سېلىش رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يەسلى مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆز بايانىدا بۇ خىل ھالەت نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەم ئاتا-ئانىلارنى ئەنسىرىتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن «قوش تىللىق» مەكتەپ ھەم «قوش تىللىق يەسلىلەر» نىڭ ئومۇملاشتۇرۇلۇشىغا قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭمۇ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، ئۆزى ھەم بىرقانچە ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مائارىپ نازارىتى قاتارلىق جايلارغا ئەرز سۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، بۇ سىياسەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەم زىيالىيلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كەلمەكتە. ئانا تىلىنى تېخى ياخشى ئىگىلەپ بولالمىغان يەسلى يېشىدىكى بالىلارغا، خىتاي تىلىنى مەجبۇرىي ئومۇملاشتۇرۇش قىلمىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن خەلقئارا پېداگوگىكا قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش دەپ تەنقىدلەنسە، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى دەپ ئەيىبلىمەكتە.