خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قوش تىللىق يەسلى ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ سالدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ھەممىگە ئايان.

0:00 / 0:00

ئەمما يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 13 ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيىلىرىدە شۇنداقلا يېزا-كەنت، مەھەللە-قىشلاقلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە قوش تىللىق يەسلى ئېچىپ، مەكتەپلەردە خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۆگىتىشنى چىڭ تۇتۇپ كۆپلەپ مەبلەغ سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تىل ھەر قانداق مىللەت ئۈچۈن بەك مۇھىم، ھەر قانداق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، داۋام قىلىشى، تەرەققىي قىلىشى شۇ مىللەتنىڭ تىلىغا باغلىق. خىتايلار قوش تىللىق مائارىپ دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنى ئالداپ تىلىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەسلىدىن تارتىپ باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتقىچە بولغان پۈتكۈل مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى يولغا قويۇپ خىتايچە دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2008‏-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلى باغچىلىرى سېلىش ئۈچۈن يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە توققۇز ناھىيە، شەھەرگە 2مىليارد 950 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ قوش تىللىق يەسلى ئاچقان.

خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكىت ناھىيىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ «قوش تىل» مائارىپى ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى سىياسىتىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن ناھىيىدە «قوش تىل» بالىلار يەسلىسى ۋە «قوش تىل» سىنىپى دەيدىغان قاراشنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيە «ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مەبلەغ سېلىش»يولى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 2 مىليون 830 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ،29 كەنتتە 53 سىنىپلىق «قوش تىل» بالىلار يەسلىسى قۇرۇپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشقا باشلىغان. نۆۋەتتە، بۇ ناھىيىدە يېزا «قوش تىل»بالىلار يەسلىسى 43 كە،تەربىيىلىنىۋاتقان بالا 3 مىڭ 225 كە يەتكەن. قەشقەر شەھىرىدە «قوش تىل» لىق بالىلار باغچىسىدىن يەنە 60 نى كۆپەيتكەن.

مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تور بېتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، پەيزاۋات ناھىيىسى ئۈچ يىلدىلا قوش تىللىق يەسلىدىن 52 نى ئېچىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلارغا قوش تىل يەسلى مائارىپىنى يولغا قويغان. پەيزاۋات ناھىيىسىدە ھازىر 10 مىڭ 371 بالا ناھىيە بازىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-بازار، كەنتلەردىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك قوش تىللىق يەسلىلەردە ھەقسىز تەربىيىلەنمەكتە ئىكەن. پەيزاۋات ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2012-يىلى ناھىيە بويىچە يەسلىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 116 گە يەتكۈزىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا پەيزاۋات ناھىيىسىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن 60 نەچچە خىتاي يەسلى ئوقۇتقۇچىسى كەلتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ناھىيە مالىيىسىدىن ھەر يىلى 2 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ ئاجرىتىپ، ھەر بىر يېزا-بازاردىكى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ راسخوتى ئۈچۈن 200 مىڭ يۈەندىن تولۇقلىما بەرگەن.

تۈركىيە سابىق مائارىپ مىنىستىرى نىمەت چۇبۇكچۇ يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان بىر يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بىر مىللەت ئۈچۈن تىلنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى مىللەت ھالىغا كەلتۈرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىل تىل. تىل بۇ جەھەتتە ھېس-تۇيغۇ، تەپەككۇر قىلىش، چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ۋە بىلىم ئىگىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامىل. تىل ئوخشاش ۋاقىتتا مەدەنىيەتنى يۆتكەپ ماڭىدىغان ماشىنىغا ئوخشايدۇ. تىلى يوقالغان مىللەتنىڭ ئورتاق بىر مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي روھى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تىلنى قوغداش، تىلنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى ئېلىش، تىلنى كېڭەيتىشكە شارائىت ھازىرلاش ئىنتايىن مۇھىم. تۈرك تىلى گۈزەل بىر تىل، ھازىر دۇنيادا 220 مىليون ئىنسان تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

بىز ئۇيغۇر دىيارىدا ئېچىلغان قوش تىللىق يەسلى توغرىسىدا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇللاھ ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. ئابدۇللاھ ئەپەندى. بۇ ھەقتىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
-خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يەسلى ئېچىشتىكى ئاساسى مەقسىتى. ئۇيغۇرلارنى تىلىدىن، دىنىدىن، مەدەنىيىتىدىن، مىللىي مائارىپىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ، ئاسسىملىياتىسىيە قىلىشتىن ئىبارەت. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بىر خىل تەدبىرى.