' قوش تىل' مائارىپى 2008 - يىلىدا ....
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.12.31
2008.12.31
AFP Photo
بولۇپمۇ ئەڭ كۆرىنەرلىكى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لايىھىسى بۇيىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۇل مائارىپى يەنى گۆدەكلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئاڭ مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيەتتە خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلەشتۈردى. ھالبۇكى بۇ، ئۇيغۇرلاردا "قوش تىل مائارىپى ئەمەلىيەتتە خوش ئۇيغۇر تىلى مائارىپى" بولۇپ قالدى دېگەن نارازىلىق پىكىرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى "قوش تىل مائارىپى " نامىدىكى مائارىپ سىياسىتىنى، ئۇيغۇر مائارىپى ئورنىغا دەسسىتىشكە باشلىغاندىن بۇيان، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى، قوش تىللاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئاخىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە پاسسىپ ھالەتكە ئۆتۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
نۆۋەتتە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم كەسپلەردىن باشقا بارلىق دەرسلەر خىتايچە ئۆتۈلمەكتە. تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرى خىتايچە ئۆتۈلمەكتە. باشلانغۇچ مەكتەپ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئۇيغۇر بالىلىرىغا خىتايچە دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارلىق يېزا - قىشلاقلىرىدىمۇ قوش تىل يەسلىلىرى ئېچىلىپ ئۇيغۇر بالىلىرى دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ ئۆزلىرى بىلىدىغان چۈچۈك ئانا تىلىدا ئەمەس، بەلكى قوش تىل يەسلىلىرىدىكى خىتاي تەربىيىچىلىرىدىن خىتاي تىلىدا قوبۇل قىلىشقا باشلىماقتا.
مانا بۇنى 2008 - يىلىدا ئۇيغۇر مائارىپىدا يۈز بەرگەن ئەڭ زور ئۆزگىرىش دىيىشكە بولىدۇ. يەنى، خىتاي ھۆكۈمىتى 2008 - يىل بېشىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش قارارى بىلەن بەش يىلدا 3 مىليارد 750 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
شۇندىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر، ناھىيىلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار باغچىلىرى مائارىپى خىتايچىلاشتۇرۇلغاندىن سىرت، بۇ مەبلەغ ئارقىلىق يېزا - قىشلاقلارغىچە قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇلدى، قوش تىل يەسلىلىرىنى پۈتتۈرمىگەن گۆدەكلەرنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىدەك بەلگىلىمىلەر بىلەن دېھقان، چارۋىچى ئاتا - ئانىلارمۇ بالىلىرىنى ئۆز كەنت، يېزىلىرىدا قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىلىرىگە بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
مىسالغا ئالساق، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئۆزىدىلا يېڭى قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ سانى 90 گە يەتكەن.پۈتۈنلەي خىتايچە تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ يەسلىلەردە ئۈچ ياشتىن بەش ياشقا قەدەر 7 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر گۆدەكلىرى تەربىيىلەنمەكتە.
2008 - يىللىق ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدە ئېچىلغان خىتاي تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئوقۇغۇچىلار 5 مىڭ 205 نەپەرگە يەتتى. بۇ ئەسلىدىكى پىلاندىن يەنە %68 ئاشۇرۇلغان. بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئېچىلىۋاتقان شىنجاڭ سىنىپلىرى 28 شەھەردە 50 ئورۇنغا كۆپەيتىلىپ يىلىغا بەش مىڭدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولدى.
خىتاي دائىرىلىرى يەنە، بۇ يىل 8 - ئايدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇشنى 2015 - يىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ پىلاننىڭ باسقۇچ - قەدەملىرى ئالدى بىلەن يەسلى مائارىپىدا قوش تىل ئوقۇتۇشنى كۈچەيتىپ، خىتاي تىلى ئاساس قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت ئۆسمۈرلىرىگە ماس كېلىدىغان قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئاكتىپ ئېچىش، مىللىي ۋە خىتاي يەسلىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرلەشتۈرۈش، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا نىسبەتەن بىر يىللىق خىتايچە ئۆگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، 2010 - زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ 2010 - يىلىغا بارغاندا دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سەۋىيىسىنى شەھەرنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەۋىيىسىگە ماسلاشتۇرۇش، 2008 - يىلى كۈزدىن باشلاپ باشلانغۇچ 3 - يىللىقلاردا ئانا تىلىدىن باشقا بارلىق دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇش، 2011 - يىلى كۈزدىن باشلاپ باشلانغۇچتىكى بارلىق يىللىقلاردا ئانا تىلىدىن باشقا بارلىق دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇش.
2008 - يىلى كۈزدىن باشلاپ يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىدا بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇش، 2011 - يىلى كۈزدىن باشلاپ تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپ ئانا تىلى دەرسىدىن باشقا دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇش، تولۇق ئوتتۇرا 1 - يىللىق سىنىپلىرىدا 2009 - يىلى كۈزدىن باشلاپ تەبىئىي پەنلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇش، 2012 - يىلى كۈزدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئانا تىلىدىن باشقا بارلىق دەرسلەرنى خىتايچە ئوقۇتۇش قاتارلىقلار.
يەنى دېمەك ئەگەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشتىكى مۇشۇ خىل پىلانى ئىشقا ئاشۇرۇلغان تەقدىردە 2015 - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دەرس سۆزلەش، خىتايچە دەرس ئاڭلاش ۋە شۇنداقلا خىتايچە دەرس ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش ئومۇملىشىدۇ.
راس شۇنداق بولغاندا، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كىنايە قىلىپ ئېيتقاندەك "قوش تىل" مائارىپىنىڭ "خوش ئانا تىل" مائارىپىغا باراۋەر بولۇپ قېلىشىنى مۇبالىغە دېيىشمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن.