0:00 / 0:00
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ھەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى دەپ تەنقىدلەنمەكتە.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى شائىر ساۋۇتجان ئىسكەندروف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» سىياسىتىنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى شۇنداقلا بۇ خىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىشقا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.