قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2010.01.28
2010.01.28

AFP Photo
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2009 - يىللىق خىزمەت دوكلاتى ھەم 2010 - يىللىق خامچوت پىلان يىغىنىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ، 11 - 5 يىللىق پىلاندا ئۇيغۇر رايونىدا 2012 - يىلىغىچە بولغان قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسى جەريانىدىلا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا - كەنتلەرنى ئاساس قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا، "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوقۇش باشلاشتىن ئاۋۋالقى قوش تىللىق مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىش" بەلگىلىمىسىنى رەسمىي تەستىقلىغان. بەلگىلىمە بويىچە، 2012 - يىلىغىچە دۆلەت ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بىرلىكتە 7 ئوبلاست، 9 ناھىيىدىكى ئوقۇش باشلاش ئالدىدىكى بالىلارنىڭ "قوش تىل مائارىپى"غا 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلان قىلىنغان. خىتاي دائىرىلىرى يەنە بۇ پىلان بويىچە، يۇقىرىقى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يەنە 2237 "قوش تىل يەسلىسى"نى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىدىكەن. بۇ يەسلىلەردە بولسا جەمئىي 349 مىڭ كىچىك ئۆسمۈر بالا قوش تىل مائارىپى كۆرىدىكەن. بۇ رەقەم بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنغان رەقەمدىن 10 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، تېخى 8 - ئايدىلا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق رايونلاردا 214 قوش تىل يەسلىسى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنى ئاساسى نىشان قىلغان ھالدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ دەپ ئاتالغان باشلانغۇچ - تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى " قوش تىللىق مەكتەپلەر" گە ئۆزگەرتىش پىلانىنى 2012 - يىلغىچە ئورۇنلاپ بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ پىلانىنى دەسلەپكى قەدەمدە بۇلتۇر 3 - ئايدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل 3 -ئايدا باشلىنىدىغان ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى 18 مەكتەپ قوش تىللىق مەكتەپلەر سۈپىتىدە دەرس باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان " قوش تىللىق مەكتەپلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش سىياسىتى"نىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ئىكەنلىكىنى، رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تېزلىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا خىتاي تىلى مائارىپى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ "مائارىپ قائىدە - قانۇنلىرى"غا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.
ئەمما ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ھازىر خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى"گە بولغان قارىشى باشقىچە بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى خىتاي تەكىتلەۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ "قوش تىللىق مائارىپ قانداق بولۇشى كېرەك" دېگەن ماقالىسىدە چەتئەللەردىكى "قوش تىللىق مائارىپ" ئەندىزىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا شەرھىلەش بىلەن بىللە، خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان "قوش تىللىق" مائارىپ ئەندىزىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەر بىلەن باھالاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش"قوش تىللىق مائارىپ "نىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان "يەككە يات تىللىق مائارىپ" ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئەندىزىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى پاكىتلىق ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكىدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات ئەپەندى بولسا، خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتى" نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى ۋەيران قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش پىلانىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ "قوش تىللىق ئوقۇتۇش"دا پەقەتلا خىتاي تىلى ئوقۇتۇشى ئاساس قىلىنىپ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى سىقىپ چىقىرىۋاتقىنىنى، شۇڭا ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىلى مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ئانا تىلىغا پىششىق بولغىنىدىلا، ئاندىن ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىپ ئۇنىڭدىن مەلۇم نەتىجىلەرنى قازانغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىللە، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى باشلامچى بولۇپ ئانا تىلىنى قوغدىشىنى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا، ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر"5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تور بەتلىرى تاقالماستا بۇ خىل مۇنازىرىلەر ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئاساسلىق مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە ئەمەس، بەلكى بۇ خىل پىكىردىكى زىيالىيلار ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا خىزمەتتىن قوغلاش ھەتتا "قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنى تۈرمىلەرگە سولاش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان.
"قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" ھەققىدە پىكىر بەرگىنى ئۈچۈن، خىزمىتىدىن قوغلانغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىش سەۋەبىنى بايان قىلدى.
5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا، خىتاي دائىرىلىرى "قوش تىل ئوقۇتۇشى"نى يەنە ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكىتلەۋاتقان "مۇقىملىق" قا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىشكە باشلاپ، بۇ ئۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇردى. مەسىلەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان 2009 - يىللىق قوش تىل مائارىپ يىغىنىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇربەكرى بولسا تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ، " قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى مۇقىملىقنىڭ كاپالىتى" دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتاي تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىپ، "تېررورچىلار، چەت يېزا - كەنتلەردە ياشاۋاتقان پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان، خىتايچە بىلمەيدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ سىڭىپ كىرمەكتە" دېگەن.
نۇر بەكرى قاتارلىقلارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە نىسبەتەن ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، نۇر بەكرىنىڭ سۆزىنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىگەنلىكى كىشىنى تېررور گۇماندارى دەپ قارايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق پاكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چەتئەللەردىكى زىيالىيلار نۇربەكرىنىڭ مۇشۇ سۆزىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى يولغا قويۇشنىڭ قانداقتۇر ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىپ، بۇ رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىپ ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.