خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ' قوش تىللىق ئوقۇتۇش' نى مەجبۇرىي يولغا قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا" قوش تىللىق مائارىپ" دېگەن نام ئاستىدا، خىتاي تىلى مائارىپىنى مەجبۇرىي يولغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنى سىقىپ چىقىرىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەنقىدلەش ۋە قارشىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىللىق مائارىپ" سىياسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدلىشىگە ئۇچرىماقتا.

بۇ يىلنىڭ باشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" ئوقۇتۇشىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى، 2012 - يىلىغىچە بولغان قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان مەبلەغنى يەنىمۇ كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسى ھەم 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ تەربىيىسى جەريانىدىلا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا - كەنتلەرنى ئاساس قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش نىشان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا " قوش تىللىق مائارىپ قەدىمىنى تېزلىتىش"،" 9 - يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش" دېگەندەك ناملار ئاستىدا، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى پەيدىن - پەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، ھازىر بۇ خىل نارازىلىقلار خەلق ئارىسىدا ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىشقا باشلىغان.

رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىغان، ئەمما ھازىرچە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلەشتى.

ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قوش تىللىق مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي ئۆزگەرتىلگەنلىكى سەۋەبلىك مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش باھانىسىدە ئىش ئورنىدىن قېلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپلەپ قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئەسلىدىكى يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى مەجبۇرىي تاقىلىپ، بۇ مەكتەپلەر مەجبۇرىي ھالدا "9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش" نىڭ سىناق نۇقتىسى قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشقا بولغان نارازىلىقى ئېشىپ بارغان.

ئۆزىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىسىنىڭ ئىقتىسادىي يار بەرمىگىنى ئۈچۈن، شەھەردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بايان قىلغان بىر دېھقان، ئاتالمىش" 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى قوش تىللاشتۇرۇش" شامىلىنىڭ بۇ يېزىدىكى ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش نۇرغۇن بالىلارنى يەنىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇش، تەربىيىلىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىلى ۋىلايىتىدىن خەلق ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان بىر ۋەكىلمۇ، غۇلجا تەۋەسىدىكى ئەسلىدىكى ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ مەجبۇرىي تاقىلىپ، ئۇلارنىڭ " 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپ ئاساسىدىكى قوش تىللىق مەكتەپلەر"گە، ھەم " كەسپى مەكتەپلەر" گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىگە نىسبەتەن، رايوندىكى ئۇيغۇر خەلقنىڭ نارازى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 3 - ئاينىڭ باشلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ بېرىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتتە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىش ھېسابىغا يۈرگۈزۈۈۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىمۇ، " قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش" ھەم " كەسپى مەكتەپلەرنى كۆپەيتىش " سىياسىتىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھېسابىغا قۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل نارازىلىق ۋە تەنقىدلەرگە نىسبەتەن ئويلىنىش، قوبۇل قىلىش پوزىتسىيىسىدە ئەمەس، بەلكى بۇ خىل پىكىردىكى زىيالىيلار ھەم ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا خىزمەتتىن قوغلاش، ھەتتا "قۇتراتقۇلۇق قىلدى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ ئۇلارنى تۈرمىلەرگە سولاش پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغىنى ئۈچۈن، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان "يەككە يات تىللىق مائارىپ" ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل ئەندىزىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىشقا يۈزلەندۈرىدىغانلىقىنى پاكىتلىق ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئۇ ئىستانسىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش " باھانىسىدە، ئۇيغۇرلارغا " خىتاي تىلى مائارىپى" نى مەجبۇرىي تېڭىپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى جازالاۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قەدىرلىشىگە نىسبەتەن بۇ قەدەر قاتتىق قول سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈمەي، رايوندا ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇۋېرىدىغان بولسا، رايوندىكى خەلقنىڭ نارازىلىقلىرى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.