قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسى: «قىينىلىۋاتقان بالىلارغا قاراپ ئازابلىنىمەن...»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم قوش تىل يەسلىلىرىدە تەربىيىلىنىشىنى شەرت قىلدى ۋە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2004-يىلى «قوش تىل مائارىپىنى بالىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش زۆرۈر» دەپ ئالغان قارارىغا ئاساسەن، پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرىغا، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن چوقۇم قوش تىل يەسلىلىرىدە تەربىيىلىنىشىنى شەرت قىلدى ۋە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا «قوش تىل يەسلىسى يوق بىرمۇ يېزا قالماسلىق، قوش تىل يەسلىسى تەربىيىسى ئالمىغان بىرمۇ بالا قالماسلىق» پىلانىنى، 2012-يىل ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.

يېزا-كەنتلەرگە قەدەر قۇرۇلۇۋاتقان قوش تىل يەسلىلىرى ئەمەلىيەتتە پەقەت، خىتاي بولمىغان سەبىيلەرگە، خىتاي تىلى ئۆگىتىشنىلا مەقسەت قىلغان، ئۇلار ئىلمىي بولمىغان، مۇكەممەل بولمىغان، مەجبۇرىي ھالدا ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىلا ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بۇ نۇقتىنى ئوچۇق ئىسپاتلايدۇ.

دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ يەسلى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە بولسۇن.