رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق مائارىپى دەپ ئاتالغان خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر بالىلىرى ئانا تىلىدا ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپلا قالماستىن، بەلكى زور كۆپچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار ئىشسىز قېلىشقا باشلىغان.
بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن خىزمىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى يەنىلا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى بولماقتا ئىكەن.
بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ يېزا ئوقۇتقۇچىسى، ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ «خەلق ئوقۇتقۇچىلىرى» دېگەن نام بىلەن ئۇزۇن يىل يېزىلاردىكى ئەڭ جاپالىق شارائىتتا بالىلارنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېزىلارغا «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش » شامىلى كەلگەندىن كېيىن، خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى دېگەن باھانە بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
سۆھبىتىمىز جەريانىدا بۇ ئوقۇتقۇچى ئۆزىگە ئوخشاش يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ شتات يوق دېگەن باھانىدە ئۇزۇن يىل شتاتسىز ھالدا ئىشلىگەنلىكىنى، شۇڭا ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن ھېچقانداق ئىقتىسادىي تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە ئۇزۇن يىل مائارىپ سېپىدە خىزمەت قىلغان تەجرىبىلىك ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرى، خىتاي تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىدى دېگەن باھانە بىلەن ئىشتىن بوشىتىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرچىنى سۆزلىيەلمەيلا قالماستىن، بەلكى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پسىخىكىسى قاتارلىقلار بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىغان، ھەتتا خىتاينىڭ ئورتاق تىلى دەپ ئاتالغان ئومۇملاشقان خىتاي تىلىنىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان، خىتاينىڭ يەرلىك شېۋىلىرىدە سۆزلەيدىغان خىتايلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۆزى ھەم ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا تەربىيىلىنىدىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئىستىقبالىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرى خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇغۇچىلار ھەم زىيالىيلار «قوش تىللىق مائارىپ » نامىدىكى بۇ خىل ئوقۇتۇشنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى، غەرب دۆلەتلىرى ھەم چەتئەللەردىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى رادىئومىزغا ئوخشاش خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان«قوش تىللىق مائارىپ » نامىدىكى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندىمۇ، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان «قوش تىللىق مائارىپ» دەپ ئاتالغان سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى ئۇيغۇر تىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى ئانا تىل مائارىپىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈندۇر دەپ تەكىتلىدى. دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇردى.