خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىل مائارىپى» نى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى زىددىيەتلىك سۆزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 27 - نويابىر كۈنى 3 - نۆۋەتلىك قوش تىللىق مائارىپى مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، قوش تىللىق مائارىپنى جەنۇبتا، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاقلاردا كۈچەيتىپ ئومۇملاشتۇرۇش، قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئورۇنداشقا تېگىشلىك ئاساسىي نىشان قىلىپ بېكىتكەن. يىغىندا يەنە، ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بىر قىسىم مىللىي سىنىپلارنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجرا قىلىش ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمىگەن بۇ سۆز مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.11.28
Xoten-qosh-til-mek-maw-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺵ - ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 2010 - يىلى بېيجىڭدا شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن مەركىزى ھۆكۈمەت «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نى ئۇيغۇر ئېلىدە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم ئىسىتراتېگىيە قاتارىدا يولغا قويۇپ، بۇ سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىل مائارىپى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن ئىشنى ئالدى بىلەن كىچىك بالىلاردىن باشلاپ، قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى تېزدىن ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 3 - ئايدا بەلگىلەنگەن «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەت يەسلى، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نىزامنامىسى»ىغا ئاساسەن، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى قوش تىلدا تەربىيلەش ئىشىغا نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي تىلى مائارىپىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى.

27 - نويابىر كۈنى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ زالىدا ئېچىلغان «3 - نۆۋەتلىك قوش تىللىق مائارىپ مۇھاكىمە يىغىنى» غا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى 21 ئالىي بىلىم يۇرتى، تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن بولۇپ جەمئىي 150 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتنىشىپ، قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە بىر قانچە مۇھىم نىشانلارنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا، قوش تىل مائارىپىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى، بولۇپمۇ يېزا - قىشلاقلارنى مۇھىم نوقتا قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىش، يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى تېزدىن ھەل قىلىش، 2012 - يىلىغىچە ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ ئىككى يىللىق قوش تىل مائارىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش، 2020 - يىلىغىچە بارلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى نۆۋەتتە يۇقىرىدىكى بۇ نىشانغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى «قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى» لارنى ئىشقا قوبۇل قىلىشقا قارىتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى قوش تىل يەسلى مائارىپىغا 5 مىڭ 554 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان. ئوخشاش مەزگىلدە يەنە، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى ئىچكىرىدىكى شەندۇڭ قاتارلىق ئۆلكىلەر بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە قوش تىللىق مائارىپىگە ياردەم قىلىش نامى ئاستىدا ئوقۇتقۇچى - كادىر ئەۋەتىش ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا قويۇلۇۋاتقان قوش تىللىق بولۇش ئۆلچىمى بويىچە، ھازىر نۇرغۇن پىشقەدەم مىللىي ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىدىن ئايرىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلار مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بەرمەكتە. چەتئەللەردىكى مۇتەخەسسىسىلەر بۇنىڭ ھەقىقىي قوش تىل مائارىپىنىڭ پرىنسىپىغا تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە ئۇيغۇر بالىلىرىغا نۇرغۇن زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوش تىل مائارىپى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا تەتقىقات يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان، ئامېرىكا ئالەم تېخنىكىسى ئىدارىسى ناسانىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن سىدىق ئەپەندى مانا مۇشۇنداق پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئاسىسملىياتسىيە قىلىپ يوق قىلىشنى ئاساس قىلغانلىقتىن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ ئەيىبلەپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتم ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان بۇ تەتقىقات خىزمىتى يىغىنىدا ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تەكلىپتە «ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ ئورگانلىرى ئەمەلىي ئەھۋال ۋە تەلەپكە ئاساسەن، مىللىي تىلنى ئاساس قىلغان ھالدا دەرس ئۆتىدىغان سىنىپلارنى ساقلاپ قېلىپ، ئۇنى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ تاللىشىغا قويۇپ بەرسە بولىدۇ. بۇ، مائارىپنىڭ ئاساسىي نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن»، دەپ كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئەركىن سىىدىق ئەپەندى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بالىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدىمۇ ئۆز تىلىنى سۆزلىشىگە يول قويۇلمايۋاتقان بىر شارائىتتا ئېيتىلغان بۇ سۆز قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنمىغۇچە، ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ئاتا - ئانىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل سىياسىتىنى، مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھازىرقى پەن - تېخنىكا، ئۇچۇر دەۋرىگە ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلى ۋە سىرتىدىكى بۇ سىياسەتكە قارشى چىققۇچىلار بولسا مەزكۇر قوش تىل سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، مائارىپ تەرەققىياتىنى بوغۇپ، بالىلاردا ئۆز كىملىكىگە ياتلىشىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىىدىن كېيىن ئوچۇق - ئاشكارا ۋە تېز سۈرئەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە. ئەركىن سىدىق ئەپەندى تىلنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشنى نىيەت قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بالدۇرراق قوش تىل سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىردى.

قوش تىل مائارىپىغا نىسبەتەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلق ئىچىدە نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەرزلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى ئىلگىرىكى ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردا مەلۇم بولغان ئىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يىغىندا، شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى تۇرسۇن ئىبراھىم قىلغان سۆزىدە «شىنجاڭدا قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر داۋاملىق كۆرۈلمەكتە. شۇڭا ئالدى بىلەن چوقۇم ياخشى تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك» دېگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ مانا بۇ ئەمەلىيەتنى ئوچۇق كۆرسىىتىپ بەرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

پىكىر

Anonymous
Nov 28, 2011 09:14 PM

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قوشتىللىق مارىپنى ئەمىللەشتۇرگەندىن بۇيان دىيارىمىدىكى 3-ئورتا،8-ئورتا ۋە 9-ئورتىلادا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلا ئۇرۇشۇش يۇز بەردى بۇگۇن چۇشتىن كىيىن يەنە 9- ئورتىدا يەنە ئۇرۇشۇش يۇز بەردى خىتتاي ھۆكۇمىتى بۇ مەسىلىگە سەلقاراۋاتامدۇ قانداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى نىمىشقا سۇكۇتتە تۇرۇدۇ، سىلەرنىڭ ئالدى بىلەن كۇزۇتۇپ بىقىشىڭلانى ئۇمۇت قىلىمىز