«قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مائارىپ ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىسى بولۇپ، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى جىددىي مەبلەغ ئاجرىتىۋاتقان تۈرلەرنىڭ بىرىدۇر. خىتاينىڭ پىلانىدا «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنى 2013-يىلدىن بۇرۇن پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتاي تىلىدا سۆزلەيدىغان ھالەتكە ئەكېلىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپ قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ پىلانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىغا بۇ يىل يەنە 5 مىڭ 554 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىغا ھەر يىلى ئۇدا بۇنداق زور كۆلەملىك ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشىدۇر. مائارىپ نازارىتى چارشەنبە كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان «قوش تىللىق» يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچى، قاراماي، شىخەنزىدىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە بىڭتۇەندىكى يەسلىلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يېزا-بازار ۋە كەنت دەرىجىلىك يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مائارىپ نازارىتىنىڭ بەلگىلىمىسىدە يەنە يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ خىزمەت ئالماشتۇرۇشى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارغا يۆتكىلىشى چەكلەنگەن.
«قوش تىللىق» يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، بۇ مەسىلە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مەزكۇر سىياسەتكە قارشى تۇرغۇچى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىزچىل تالاش-تارتىشتىكى نازۇك تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە «قوش تىللىق» مائارىپنى قوللىغۇچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىنى ئالغا سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە ماسلىشىشى، خىتايلار بىلەن تەڭ رىقابەتكە قاتنىشىشىغا پايدىلىقتۇر. بىراق مەزكۇر سىياسەتكە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل تەرەققىياتىنى بوغۇپ، ئۇلاردا ئۆزىگە ياتلىشىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلىدۇ، مىللىي كىملىك كرىزىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، ھازىر ئامېرىكا مارىلاند شتاتىدىكى بىر تەجرىبە ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئابدۇراخمان ئابلىمىت ئەپەندى بۇ قاراشتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەڭ كونكرېت ئىپادىسى ئاتا-ئانا بىلەن بالىنىڭ ئۆز-ئارا بىر -بىرىنى چۈشىنىش مەسىلىسىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇنىڭ ئەۋلادلار بىلەن ئەجدادلار ئارىسىدا چوڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانالىزچىلار يەنە، «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپى ئانا تىلى يېتىلىش باسقۇچىدىكى كىچىك بوغۇنلارنىڭ ئانا تىلى تەرەققىياتىنى بوغۇپ قويۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى، بۇ يەنە ئۇلاردىكى ئەركىن تەپەككۇرنى بوغۇپ، پسىخولوگىيىلىك نورمالسىزلىقلارنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق» مائارىپنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر «قوش تىللىق» يەسلى مائارىپىنىڭ كىچىك بوغۇنلاردا پەيدا قىلىدىغان پسىخولوگىيىلىك تەسىرىگە دائىر ھېچقانداق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ باقمىغان. ئانالىزچىلار، ئەمەلدارلارنى ۋە يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى پەقەت «قوش تىللىق» مائارىپنىڭ ئىجابىي تەرىپىنىلا تەرىپلەپ، ئۇنىڭ سەلبىي تەسىرىنى كۆرمەسكە سېلىش بىلەن تەنقىد قىلىپ كەلدى. ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىكى جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
مائارىپ نازارىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رايوندىكى 1-، 2-، ۋە 3-دەرىجىلىك ناھىيە ۋە شەھەرلەردىكى «قوش تىللىق» يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغانلار چوقۇم پۈتۈن كۈنلۈك مەخسۇس كۇرس، ئالىي تېخنىكوم ، تېخنىكوم ۋە ياكى پېداگوگىكا كەسپىي ئوقۇغان بولۇشى كېرەك. رايوندىكى 4-ۋە 5-دەرىجىلىك ناھىيە، شەھەرلەردىكى يەسلىلەرگە چوڭلار مائارىپىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك مەخسۇس كۇرسى ۋە ئالىي تېخنىكومنى ئوقۇغانلار قوبۇل قىلىنىدىكەن. لېكىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «قوش تىللىق» يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدىغان 5 مىڭ 500 دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىدىن قانچىلىك كىشىنىڭ يەرلىك مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. بەزى ئانالىزچىلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمگەك بازىرىنى تامامەن خىتايلار كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندا ئۇيغۇرلارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشىنى قوغدايدىغان قانۇن ۋە باراۋەر رىقابەت مۇھىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇ قاراشتىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ئويلىشىدىغان نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەر خىزمەتكە قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر قانۇن چىقىرىشىدۇر. بولمىسا «قوش تىللىق» مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئوخشاش ئەڭ ئەقەللىي خىزمەتلەرنىڭ خىتايلارنىڭ مەخسۇس خىزمەت ئورنىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينىڭ «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتى بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 2001-يىلى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن بۇرۇن مەزكۇر سىياسەتنى ئاشكارا يولغا قويۇشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، «قوش تىللىق» مائارىپ سىياسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئىنكاسى خالاس.