"پەقەت قوش تىل يەسلىسى ئۈچۈنلا مىلياردلارچە مەبلەغ"
8 - ئىيۇل كۈنى مائارىپ نازارىتى 2837 نەپەر قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ خەۋەرلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ دائىرىلەرنىڭ يەسلى قوش تىل ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشى بولۇپ،بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى يېزا، كەنت يەسلىلىرىگە سەپلىنىدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرىلىتىش، بولۇپمۇ يەسلى مائارىپىنى 2012 - يىلغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا يېزا، كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن 2010 - يىلى - 5 ئايدا 1مىليارد 600 مىليون يۇەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان ئىدى.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ - 12ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى بۇ مەبلەغ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىنى ئاساس قىلىپ يېزا، كەنتلەردە "جەمئى 1016 جايدا قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇشنى باشلىغان. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار "ھەر بىر قوش تىل يەسلىسىگە سېلىنىدىغان مەبلەغ بىر مىليون يۈەندىن كەم بولماسلىق" شەرتى بويىچە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
"مەكتەپكە كىرىشتىن ئاۋۋال ئىككى يىللىق مۇنتىزىم خىتاي تىل تەربىيىسى"
2009 - يىلى 12 - ئايدا خىتاي ئىقتىساد كومىتېتى خىتاينىڭ" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش "پىلانىغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىگە 5مىليارد يۈەن مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجراتقان ئىدى. بۇ مەبلەغ ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرى 2012 - يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن جەمئى 2237 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇش، 16مىڭ 200نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن ئىككى يىل خىتاي تىلى تەربىيىسى كۆرۈشىنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتىنى 85% كە يەتكۈزۈش پىلانى بويىچە جىددىي ئىش كۆرمەكتە ئىدى.
2009 - يىلى7 - ئىيۇن ئۇيغۇر ئېلى رەئىسى نۇر بەكرى، جەنۇبتىكى خىزمەت تەكشۈرۈشتە قىلغان سۆزىدە " يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە، زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قوش تىل مائارىپىدا يېڭى بىر يۈكسىلىش يارىتىش كېرەك "دەپ يوليورۇق بەرگەن ئىدى. نۇر بەكرىنىڭ تەكىتلىشىچە "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك ئومۇملاشتۇرۇش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كاپالىتى"ئىكەن.
ئۇيغۇرلار ھەممىدىن زىچ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئۆزىدىلا 2006 - يىلىدىن 2010 - يىلغىچە بولغان تۆت ئىچىدە جەمئى 581 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلغان.
قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىنىلا مىسالغا ئالساق، پۈتۈن ناھىيىدىكى ھەر قايسى يېزا، كەنتلەرنى قوشقاندا 2008 يىلىلا 94 يەردە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلغان بولۇپ 5مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر بالىلىرىنى خىتاي تىلى بويىچە تەربىيىلىگەن.
خىتاينىڭ يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايلاردىن مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوقۇچاق يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق، يېزا كادىرى مەزكۇر يېزىدا قۇرۇلۇۋاتقان ھەر بىر يەسلىگە خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى سەپلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يەسلى بالىلىرىغا بولسا پەقەت خىتاي تىلى دەرسى ئۆتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى:
"بۇنى قوش تىللىق مائارىپ دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزى خاتا..."
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى جەمئىي 2مىليون 369مىڭدىن ئارتۇق يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئىچىدە 753مىڭدىن ئارتۇقى قوش تىل يەسلىلىرىگە ئېلىنغان. ھۆكۈمەت 2010 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، غۇلجا، چۆچەك، ئالتاي قاتارلىق 7 ئوبلاست ھەم ۋىلايەتلىرىدە شۇنداقلا يەنە 9 ناھىيە، شەھەرلەردە جەمئىي 270 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى قوش تىل يەسلىلىرىگە ئېلىشنى ھەمدە يەنە ئۇلارنى ئوقۇتۇشقا 7 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوڭ تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش مائارىپ سىياسىتى ئۇيغۇرلاردا ئىنتايىن كۆپ نارازىلىقلار پەيدا قىلغاندىن باشقا، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمدىلا تىلى چىققان سەبىيلىرىگە دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىڭمۇ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەسلىدىنلا قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئىلمىي ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئىنجېنىرى ئەركىن سىدىق ئەپەندى " ئەمەلىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قوش تىللىق مائارىپ دېگەن نىقاپ ئاستىدا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇش مائارىپىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل سىياسەتنى قوش تىللىق مائارىپ دەپ ئاتاشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
