ئۇيغۇر يېزىلىرىغا بەش يىل ئىچىدە ئىككى تۈمەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى يۆتكەلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ مائارىپقا ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 22-فېۋرال قەشقەر شەھىرىگە پىدائىي ئوقۇتقۇچىلار نامىدا يەنە 12 نەپەر خىتاي شېنجىندىن يېتىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00

بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىرىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۆتكەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى ئىككى تۈمەندىن ئاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە خىتايدىكى 19 ئۆلكە، شەھەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدۇ دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوش تىللىق مائارىپىغا ياردەم بېرىش بۇ ئۆلكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي نوپۇسىنى يۆتكەشتىكى يەنە بىر ۋاسىتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

شېنجىن شەھىرىمۇ بۇ 19 ئۆلكە، شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل باشلانغاندىن بۇيان شېنجىندىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئاساسلىق قەشقەرگە 26 خىتاي كادىر يۆتكەلگەن. 22-فېۋرال كۈنى مەخسۇس پىدائىي ئوقۇتقۇچىلار نامى بىلەن يەنە 12 خىتاي، قەشقەرنىڭ تاشقورغان ناھىيىسىدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەن.

بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋاللىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ تاشقورغان ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا بىر ئۇيغۇر كادىر سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

2009-يىلى-1 ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت «شىنجاڭنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىغا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش پىلانى» نى ئېلان قىلىپ 6 يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە، يېزا ۋە قىشلاقلىرىدا قوش تىل مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن 16 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ تېخى پەقەتلا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۆتكىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىدىغان ساننى ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ھازىرغىچە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش تەدبىرلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلاردىن، بۇ خىل قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش ئاساسەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خىتايلارنى يۆتكەش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتە ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن مۇنداق ئىنكاسلارغا ئېرىشكەن ئىدۇق. توقسۇندىكى بىر نەپەر ئۇزۇن يىللىق ئوقۇتقۇچى قوش تىل مائارىپى نامىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدە يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت، 20-فېۋرال كۈنى خوتەندە «ئاپتونوم رايوننىڭ قوش تىل مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونى سۆھبەت يىغىنى» نى چاقىرغان. تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يىغىندا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى مۇھىم نۇقتا قىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن تۇراخۇن يىغىندا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن.

21-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر يىغىن ھەققىدىكى خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە،جەمئىيەتتىن يېڭى بىر تۈركۈم قوبۇل قىلىنىپ، تەربىيىلەشتىن ئۆتكەن جەمئىي 3271 نەپەر ئوقۇتقۇچى، ئاساسىي قاتلامدىكى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا تەقسىم قىلىنىدىكەن.

گەرچە، ئۇيغۇر ئېلى ئۆزىدىمۇ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، رادىئومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلار ھەمدە ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىغا قارىغاندا، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار بىلەن خىتايدىن يۆتكىلىۋاتقان قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سەۋىيىسىدە زور پەرق بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن قوبۇل قىلىنىۋاتقانلار ئاساسەن تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئالىي مەلۇماتلىقلار بولسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقانلار خىتاي ئورتاق تىلىدىمۇ سۆزلىيەلمەيدىغان ئوقۇش تارىخى ۋە سەۋىيىسى ئىنتايىن ئادەتتىكى، ئوتتۇرا ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئىشسىز خىتايلارنى ئاساس قىلماقتا.

مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتسىز قالغان بىر ئۇيغۇر قىزمۇ، ئوقۇتقۇچىلىققا خىتايلارنىڭ ناھايىتى ئاسان قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

خىتايچە سۇمۇرغ تورىنىڭ 23-فېۋرال خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 2006-يىلىدىن باشلاپ، جەمئىيەتتىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، 2010-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەكتەپلەرگە بەش يىل جەريانىدا يۆتكەلگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 22 مىڭ 323 نەپەرگە يەتكەن.