خىتاينىڭ ياپونىيىدىكى مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپ جىددىي ھەرىكەتتە

ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ تەيىنلەنگەن قۇندۇز يۈسۈپ، ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا.

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەرگە بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋە شۇنداقلا چەتئەللىكلەرنىڭ ھېسداشلىق قىلىش روھىنى يوقىتىش، 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ چەتئەللەردە تەسىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تارىختىن بېرى كۆرۈلمىگەن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش، ئوقۇغۇچىلارغا ھەرخىل پائالىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنى ھازىرلاپ بېرىش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ھەرىكەتلىرىنى توسۇش ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ «ئۆزىنىڭ يېغىدا، ئۆزىنىڭ گۆشىنى قورۇش» تاكتىكىسى بىلەن چەتئەللەردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارغا مېڭىسى پاك-پاكىز يۇيۇلغان ئۇيغۇرلارنى كونسۇل ۋە مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ خىزمەتكە تەيىنلىمەكتە. مانا شۇلاردىن بىرى ياپونىيە ئوساكا خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇلى قۇندۇز يۈسۈپتۇر.

قۇندۇز يۈسۈپ 5-ئىيۇل ۋەقەسى پاجىئەلىك ئاخىرلاشقانلىقىغا دەل بىر يىل بولغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ياپونىيىنىڭ ئوساكا شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا مۇئاۋىن كونسۇل قىلىپ تەيىنلىگەن. ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇندۇز يۈسۈپ ئىلگىرى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىك خادىمى بولۇپ، ئەينى يىللاردا ۋاڭ لېچۇەننىڭ تولىمۇ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرىدۇر.

ئۇنىڭ ئاتىسى يۈسۈپ بولسا ئەينى يىللاردا ياپونىيە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى دوكتورى، تارىخچى توختى مۇزئارت ئەپەندى ئون يىل قامالغان ۋە 1993-يىلىدىن بۇيان تۈرمىدە قامىلىپ تۇرۇۋاتقان، جازا مۇددىتى توشسىمۇ قويۇپ بېرىلمەيۋاتقان، ئاچلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى كۈتۈۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئالىمى كېرىم ئابدۇۋەلىمۇ قامىلىپ تۇرۇۋاتقان 3-تۈرمىنىڭ مەسئۇل رەھبەرلىرىدىن بىرىدۇر.

قۇندۇز يۈسۈپ ياپونىيىگە كەلگەندىن كېيىن جىددىي تۈردە ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ھەرخىل ئۇسۇل-تاكتىكىلار بىلەن كونسۇلخانىغا يىغىش ۋە ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «ۋەتەننى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

ئۇ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللاۋاتقان ياپونىيىلىكلەرگە خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان «توغرا سىياسىتى»نى، ئاتالمىش شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، بۇ يىل 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئۈچ يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىگە توغرىلاپ ئوساكادىكى كونسۇلخانىدا «ئوساكا-كيوتو ياپون-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتى»نىڭ ئەزالىرىنى يىغىپ، بۇ ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەرنى 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 26-كۈنىگە قەدەر ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىملار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى، قۇندۇز يۈسۈپ 2010-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ ئوساكادىكى كونسۇلخانىسىنىڭ مۇئاۋىن كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا نۇرغۇنلىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى ماختاپ كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «شىنجاڭنى، ۋەتەننى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىش ۋە ياپونىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئاشۇرۇشتەك تەربىيىۋى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. تېخى يېقىندىلا 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىلىك «شىنجاڭنى چۈشىنىش» زىيارەت ئۆمىكىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ كەلدى. سىزنىڭچە، قۇندۇز يۈسۈپنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.