ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە 2013-يىلى 13-يانۋار ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىتابخانىلاردا قۇرئان كەرىمىنىڭ 2-قېتىملىق يېڭى نەشرى سېتىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم بولدى. خىتايلارنىڭ قۇرئان كەرىم ھەققىدىكى سىياسىي ئويۇنلىرى ئۇيغۇر توربەتلىرىدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغاپلا قالماي، مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭمۇ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى.

ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى مۇنازىرىلەردە ئىككىنچى قېتىملىق تەرجىمە نەشرى بىلەن، بىرىنچى قېتىملىق تەرجىمىسىنى سېلىشتۇرۇش قىزغىنلىقى قوزغالغان. سۆز-ئىبارىلەردىكى كىچىككىنە پەرقلەرمۇ خىلى چوڭ پىكىر پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ، ئىككىنچى قېتىملىق نەشرىنىڭ تەرجىمىسى، تەھرىرلىكى ۋە تەستىقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىدە تۆھپە قوشقان ئىلىم ئادەملىرى قاتارىدا، مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ يوقلۇقى ئالاھىدە تېمىغا ئايلانغان.
ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى، قۇرئان كەرىمىنىڭ تۇنجى تەرجىمىسى خىتايلارنىڭ قانۇنلۇق نەشر ئورگانلىرىدا نەشر قىلىنغىنىغا قارىماي، ئۇنى سىياسىي تۆھمەتلەرگە ئاساس سۈپىتىدىمۇ قوللىنىپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنى مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستلىرىدە قىلمىغان ھىيلە-نەيرەڭلىرى قالمىغان خىتايلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قۇرئان كەرىمىنىڭ 2-قېتىملىق تەرجىمىسىنى نەشر قىلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى ۋە زىيالىيلىرى بۇ ئىشقا نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتۇشى لازىم، نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى لازىم؟ تەرجىمىلەردىكى بەزى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ پەرقلىرى، ئايەتلەرنىڭ مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىنىشى، تەرجىمە ۋە نەشر ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا مۆھتەرەم مۇھەممەد سالىھ ھاجىمنىڭ يوقلۇقى... دېگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر ھەققىدە ئىنكاس ئېلىش ئۈچۈن گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان دىنىي زىيالىي ھۈسەيىن تەجەللىي ئەپەندىدىن ئىنكاس ئالدۇق.
مەلۇم بولۇشىچە، مۇھەممەد سالىھ تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىم پۈتۈپ نەشر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلغان. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، تەقرىز يېزىپ بەرگەن. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلغان. كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە ھەقسىز تارقىتىلغان. ھەتتا، سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادىمۇ نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق نۇسخىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى، ئىستېمال قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ؟ بۇ يەنىلا كۆزىتىش نۇقتىسىدا، ئەلۋەتتە...