مەسچىت ھەرەمدە خەلقئارالىق قۇرئان مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە مەسچىت ھەرەمدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.01.09
quran-musabiqisi-305.png قۇرئان مۇسابىقىسىدا نەتىجىگە ئېرىشكەنلەر كىشىلەر
Photo: RFA

قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسىگە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىلىدۇ ۋە مۇسابىقە ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. 33 يىلدىن بىرى ھەر يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ يىلقى مۇسابىقە مەسچىت ھەرەمنىڭ ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئالدىنقى يىللاردىكى مۇسابىقىلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى دەسلەپتە ھىندۇنىزىيىدە مۇندىن 50 يىل ئىلگىرى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 33يىلدىن بىرى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان«ئەل ۋەتەن»، «ئەل مەدىنە» ۋە«ئوكاز»گېزىتلىرىنىڭ سەھىپىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىلىرىگە كۆپ ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر گېزىتلەردىكى خەۋەرلەرگە كۆرە، خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى 2011 - يىلى12 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە مەسچىت ھەرەمنىڭ ئىچىدە داۋام قىلغان. مۇسابىقىگە ئافرىقا، ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتئەلىرىدىن، شۇنداقلا ئامېرىكىدىن بولۇپ، جەمى53دۆلەتتىن 161 كىشى ئىشتىراك قىلغان. مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلغۇچىلارنى باھالاپ ئۇلارغا دەرىجە بېرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن4، باشقا دۆلەتلەردىن6، جەمى 10 كىشى بەلگىلەنگەن بولۇپ، مۇسابىقە نەتىجىسى شۇلارنىڭ باھاسى بىلەن كۈچكە ئىگە قىلىنغان.

مۇسابىقە سوئاللىرى ۋە دەرىجىسى


مەسچىت ھەرەمدە ئۆتكۈزۈلگەن 33 - نۆۋەتلىك خەلقئارا قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى ئىشتىراكچىلىرىنى 5 گۇرۇپپىغا بۆلۈپ مۇسابىقە ئېلىپ بارغان. بىرىنچى گۇرۇپپىغا 30پارا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغان، قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى ياخشى ئۆگەنگەن ۋە تەپسىرىنىمۇ بىلگەنلەر، ئىككىنچى گۇرۇپپىغا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىغان ۋە قۇرئان ئوقۇش قائىدىلىرىنى بىلگەنلەر، ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا قۇرئان كەرىمدىن 20پارا يادلىغانلار، تۆتىنچى گۇرۇپپىغا قۇرئان كەرىمدىن 10پارا يادلىغانلار، بەشىنچى گۇرۇپپىغا قۇرئان كەرىمدىن5 پارا يادلىغانلار قاتناشتۇرۇلغان.

مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەر بىر كىشىگە، ئۇنىڭ كېلىپ كېتىش، يېتپ - قوپۇش ۋە يېمەك - ئىچمەك چىقىملىرىنى كۆتۈرگەندىن باشقا مىڭ دوللاردىن نەق پۇل بېرىلگەننىڭ سىرتىدا، مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان 25 كىشىنىڭ ھەر بىرىگە ئالغان دەرىجىسىگە قاراپ نەق پۇل ۋە قىممەت باھالىق ھەدىيە قاتارلىقلار تارقىتىلغان.

مەزكۇ گېزىتلەردە تەكىتلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى خەلقئارالىق قۇرئان كەرىم مۇسابىقىسى يولغا قويۇلغاندىن بىرى 100 مىليون رىيال( تەخمىنەن 26مىليون دوللار) دىن كۆپرەك پۇل سەرپ قىلغان. ھازىرغىچە 500مىڭدىن كۆپرەك ئادەم مۇسابىقىگە ئىشتىراك قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.