باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەردە قۇرئان يادلىغان قارىيلار بولغاندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىمۇ قارىيلار مەۋجۇت، ئىگىلىنىشىچە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە 15 نەپەر رەسمىي دىپلوم ئالغان قارىي بار ئىكەن.
2009 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ساھىبخانلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇر قارىيلار ئارىسىدا قۇرئان ئوقۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلدى. 30 پارە قۇرئاننى تولۇق يادا ئېلىپ دىپلوم ئالغان 10 نەپەر ئۇيغۇر قارىي مۇسابىقىگە قاتناشتى. قارىيلارنىڭ ئىچىدىن يېشى چوڭ بولغان 3 نەپەر قارىي مۇسابىقىنى باھالاپ نومۇر قويدى. 7 نەپەر ئۇيغۇر قارىي مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ 400 دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇسابىقىدە 30 پارە قۇرئاننىڭ خالىغان يېرىدىن سوئال سوراش ۋە تىز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىش، قۇرئاننى يېقىملىق قىرائەت قىلىش تۈرلىرى بويىچە ئېمتىھان ئېلىندى. نەتىجىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر قارىي 1 - 2 - 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 4 نەپەر قارىي 4 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، سۈرىيىدىن كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان شەمسىدىن ئىسىملىك قارىي ئېرىشىپ بىر تال تۈركىيە جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى مۇكاپاتى ئالدى. بىر تال ئالتۇن 200 ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىگە تەڭ، تۈركىيىدە ئوقۇپ قارىيلىق دىپلوم ئالغان ئەكرەم ئىسىملىك قارىي 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ يېرىم تۈركىيە جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى مۇكاپات ئالدى. مىسىردا ئوقۇپ دىپلوم ئالغان ئابدۇسالام قارىي 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ چارەك جۇمھۇرىيەت ئالتۇنى مۇكاپات ئالدى. رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئابدۇمەننان قارىي، مۇسا قارىي، ئابدۇۋېلى قارىي ۋە مەمەتيۈسۈپ قارىيلار ئېرىشكەن بولۇپ، بۇلارغا قىممەتلىك ماددىي بويۇملار تەقدىم قىلىندى. مۇكاپاتنى مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇر پېشقەدەم شەخسلەر بىر - بىرلەپ تەقدىم قىلدى.
مۇسابىقە ئاخىرىدا پېشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات سەلەيھاجىم ئارتىشى سۆز قىلىپ، بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەن شەخسلەرگە تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلدى. ئاخىرىدا ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى.
بىز مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان بىلەن بۇ مۇسابىقە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.